ماركو رۇبىيو پات يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ماركو رۇبىيو پات يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

 ماركو رۇبىيو پات يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئارمان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 15- مارت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى سېناتورى ماركو رۇبىيو 14-مارت ئۆزىنىڭ تۋىتتېرىدا بايانات ئېلان قىلىپ پات يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسى مەنبەسى ھەققىدە يېڭى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ماركو رۇبىيو ئىشخانىسى يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقىغا دائىر زور مىقداردىكى مۇكەممەل پاكىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتنى ئاشكارىلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئېيتىلىشىچە بۇ دوكلاتتا ۋىرۇس دۇنياغا يامراشتىن بۇرۇنقى خىتايدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ  تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن ئىكەن. 

ماركو رۇبىيو مەزكۇر دوكلات ھەققىدە بايانات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: « بۇ دوكلاتتا ئىلگىرى ئاشكارىلانمىغان ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بىر قىسىم پاكىتلار خاتىرىلەنگەن…»

تۋىتتېرىدا ئېلان قىلغان 30 سېكۇنتلۇق قىسقا فىلىمدا ماركو رۇبىيو مۇنداق دەيدۇ: « بىزگە بۇ پاجىئەنى بىر مەيدان تەبىئىي ئاپەت دەپ ئۇقتۇردى، ئەمما خىتاي ھۆججەتلىرى بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدۇ…بىزدە يېتەرلىك بولغان پارچە پارچە ئىسپاتلار بار، بۇلارنى ئۇلاپ چىقساق ئىشنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا باشقىچە يەكۈنگە ئىگە بولىمىز، ئەمما ئۇلار(خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۆزدە تۇتقان) بۇ مەخپىيەتلىكلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلىماسلىق ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ…»

ماركو رۇبىيو ئىشخانىسى بۇ دوكلاتنىڭ قاچان ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گوۋېنگۇي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۇرالغۇسىغا ئوت كەتكەن

پە مارت 16 , 2023
گوۋېنگۇي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۇرالغۇسىغا ئوت كەتكەن

You May Like