ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر سىياسىي قانۇن لايىھىسى» ماقۇللاندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر سىياسىي قانۇن لايىھىسى» ماقۇللاندى

 ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر سىياسىي قانۇن لايىھىسى» ماقۇللاندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-دېكابىر

1-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر قانۇن لايىھىسى: «ئۇيغۇر سىياسىي قانۇن لايىھىسى» 407 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 17 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈك نەتىجىسىدە ماقۇللانغان.

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى يۇڭ كىم خانىم تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سېناتور ماركو رۇبىيونىڭ قوللىشى بىلەن كېڭەش پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى ياكى ژۇرنالىست، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاننى قەرەللىك زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلىرىدا كونكرېت ئىستراتېگىيە تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن كېيىنكى قەدەمدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا يوللىنىش باسقۇچىدا ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى

يە دېكابىر 4 , 2022
تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى

You May Like