ئامېرىكا خىتاي ھەربىي مەكتەپلىرى بىلەن مۇناسۋىتى بار خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ئۇنېۋېرسىتېتلىرى قارشى تۇرسمۇ ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي مەكتەپلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. فېدىراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىلگىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچى نامىدا ئامېرىكا ئاپپاراتلىرىنىڭ نۇرغۇن ئاخباراتلىرىنى ئوغۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ۋاشنگىتون

 

2020.يىلى 28.ماي

 

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ئۇنېۋېرسىتېتلىرى قارشى تۇرسمۇ ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي مەكتەپلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. فېدىراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىلگىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچى نامىدا ئامېرىكا ئاپپاراتلىرىنىڭ نۇرغۇن ئاخباراتلىرىنى ئوغۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

 

خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىگە ئائىت نۇرغۇن دېلولار پاش قىلىنغان بولسمۇ، ئامېرىكا كەسكىن تەدبىر قوللانمىغان ئىدى. بۇ تەدبىر بىر قسم سياسەتچىلەر تەرىپىدىن يەنىلا ترامپ  ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارارى دەپ ئەيىپلەنمەكتە.

 

مۇتەخەسسلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتايغا ئىشلەيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى پاش قىلىش ۋە ئەيىپلەش ھەتتا چەكلەش ئامېرىكىدا ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان مۇرەككەپ مەسلە بولۇپ، ھەربى مەكتەپ بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ياكى بولسمۇ يوشۇرغان يۈز مىڭلىغان خىتاي ئوقۇغۇچى داۋاملىق ھەرىكەت قىلالايدۇ.

 

مۇھىمى ئامېرىكىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى چەكلەش بۇيرۇقى سول قانات دېموكراتلار، مەكتەپ دائىرىلىرى، خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان شركەتلەرنىڭ كۈچلۈك توسقۇنلىقىغا ئۇچرىماقتا. ئۇلار بۇنى خىتاي مىللىتىگە قارشى ئىرقچىلىقنىڭ بىر قسمى  ياكى تىرامپ قايتا سايلىنىش ئۈچۈن خىتاي كوزىرىنى ئوينىماقتا دەپ ئەيىپلىمەكتە.

 

 

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي خىتاي دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتايغا خىرىس قىلدى

پە ماي 28 , 2020
ئامېرىكا سىملىق تېلىۋزىيەسى سى ئەن ئەن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسنىڭ ۋەيران قىلغۇچ بومبا توشىغۇچى ماسسىن بەلگىلىك ئۇرۇش پاراخوتى خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان پاراسىل ئارىلىغا بۆسۈپ كىرگەن بولۇپ

You May Like