ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىن چۈەنگو قاتارلىق تۆت خىتاي ئەمەلدارىنى جازالاشنى باشلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپيو بۈگۈن چىن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازالاشنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرىيان

 


ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ۋاشنگىتون، 9-ئىيۇل

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپيو بۈگۈن چىن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازالاشنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

ئامېرىكا سودا مىنستىرىمۇ، بۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ماگنېتسكى قانۇنىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار چىن چۈەنگو، ج خ نازارىتىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى پارتىيە سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن ۋە خوۋليۇجۈن ، جۇخەيلۇن (سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ) قاتارلىقلار ئىكەن.

 

بۇ قېتملىق جازالاشتا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى نازارىتى يەنى-گۇڭئەنتىڭ» جازالىنىدىغان تۇنجى ھۆكۈمەت ئورنى بولۇپ قالغان.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تۈركىيە خاگىيا سوفىيەنىڭ مەسچىتكە ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

يە ئىيۇل 12 , 2020
ئەردوغان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، تۈركىيە خەلقئارا سەھنىدە توختاۋسىز ھەرىكەت قىلدى. سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش ۋە لىۋىيە مەسىلىسىگە ئارىلىشىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا تۈركىيە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ «رايونلۇق كۈچ» سالاھىيىتىنى كۆپ قېتىم ئېلان قىلدى.

You May Like