كورىيەدىن خوڭكوڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان تۇتقۇن قىلىنغان.

كورىيەدىن خوڭكوڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان تۇتقۇن قىلىنغان.

كورىيەدىن خوڭكوڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان تۇتقۇن قىلىنغان.
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،26-ماي
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 26-ماي كۈنى ئىلان قىلغان چاقىرىققا ئاساسلانغاندا، ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان 5-ئاينىڭ 10-كۈنى سئۇلدىن خوڭكوڭ ئايدۇرۇمىغا چۈشۈشى بىلەن خوڭكوڭ دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن ھازىرغىچە ئىز-دىرىكى بولمىغان.
ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاننىڭ قاراماي شەھىرىدىن بولۇپ، 7 يىلدىن بىرى كورىيەدە ئوقۇپ، 2022-يىلى تەنتەربىيە كەسپى تەتقىقاتى ساھەسدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرشكەن. دوستنىڭ بىلدۈرىشچە، ئابدۇۋەلى تېرشچان ۋە ئاق كۆڭۈل بىر ئۇيغۇر ئىكەن.
ئابدۇۋەلىنىڭ ھاياتى خەتەر ئىچىدە بولۇپ، ئۇنى ھازىر ختاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يۆتكىلىپ بولغان بولمىغانلىقى ئېىنىق ئەمەس.
ئۇنىڭ دوستنىڭ بىلدۈرشىچە، ئابدۇۋەلى 10-مايدا خوڭكوڭغا دوستىنى يوقلاش ئۈچۈن بىرىپ، ئايرۇدۇرۇمغا چۈشىشى بىلەن خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان ۋە دوستىغا ئۇچۇر يېزىپ، ئۆزىنىڭ سوراق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.شۇنىڭدىن كىين ھىچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان.دوستى ھىچقانداق يەردىن خەۋەر ئالالمىغاندىن كىين خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا ئىدارسى بىلەن ئالاقىلىشپ، مۇراجىئاتنامە چېقىرىشنى تەلەپ قىلغان .
كەچۈرۈم تەشكىلاتى خوڭكوڭ دائىرلىرىنى ئابدۇۋەلىنى دەرھال قويۇپ بىرىشكە، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا، ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىق قىلغان.

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

دىموكراتىك ئۆلچەم ۋە ب د ت ئېتىراپ قىلغان سايلام ھوقۇقى:

شە ماي 27 , 2023
دىموكراتىك ئۆلچەم ۋە ب د ت ئېتىراپ قىلغان سايلام ھوقۇقى:

You May Like