قازاقىستان پرېزىدېنتى ئەلىخان سمايىلوفنى باش مىنىستىرلىققا رەسمىي تەيىنلىدى

قازاقىستان پرېزىدېنتى ئەلىخان سمايىلوفنى باش مىنىستىرلىققا رەسمىي تەيىنلىدى

 قازاقىستان پرېزىدېنتى ئەلىخان سمايىلوفنى باش مىنىستىرلىققا رەسمىي تەيىنلىدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 31-مارت

شۇ جاي ۋاقتى 30 – چېسلا، قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى مۇۋەققەت باش مىنىستىر ئەلىخان سمايىلوفنى Alikhan Smaïlov قازاقىستان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەستىقلىدى. شۇ كۈنى، قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېف پرېزىدېنت بۇيرۇقى ئىمزالاپ، ئەلىخان سمايىلوفنى قازاقىستاننىڭ باش مىنىستىرلىقىغا رەسمىي تەيىنلىدى.

ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەلىخان سمايىلوف 1972-يىلى دېكابىردا ئالمۇتادا تۇغۇلغان. 2018-يىلى 18-سېنتەبىردىن 2020-يىلى 18-مايغا قەدەر قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2019-يىلى 25-فېۋرالدىن 2022-يىلى 11 يانۋارغا قەدەر قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.ئۇ  2022-يىلى يانۋاردا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن سابىق باش مىنىستىر ئەسقەر مۆمىننىڭ ئورنىدا بۈگۈنگە قەدەر ۋاقىتلىق مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ئاتالمىش «2022-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

جۈ مارت 31 , 2023
خىتاي ئاتالمىش «2022-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

You May Like