شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە نورۇزلۇق تەبرىكنامە ئەۋەتكەن

شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە نورۇزلۇق تەبرىكنامە ئەۋەتكەن

شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە نورۇزلۇق تەبرىكنامە ئەۋەتكەن

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 21-مارت

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىگە نورۇزلۇق تەبرىكنامە ئەۋەتكەن، شۇنداقلا ئۇلارنى 5-ئايدا خىتايدا ئېچىلماقچى بولغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي رەھبەرلىرى يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە تۈركمەنىستان پرېزىدېنتىمۇ ئوخشاش مەزمۇندىكى تەبرىكنامىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما سىرتقا ئېلان قىلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە شى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن مەكتۇپلارنىڭ مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. تاجىكىستان يەرلىك ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ خېتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغۋار پىلانلار ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، گەرچە خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك خەلقلەر، بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان پۇقرالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان قەرز سوممىسى ۋە تۇپراق مەسىلىلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل ھالدا قارشى پوزىتسىيەدە تۇرۇپ كەلگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رىقابەتلىشىش ئالاھىدە كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا گۇۋاھلىق يېغىنى ئۆتكۈزىدۇ

چا مارت 22 , 2023
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رىقابەتلىشىش ئالاھىدە كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا گۇۋاھلىق يېغىنى ئۆتكۈزىدۇ

You May Like