ئابدۇرېھىم غېنى يالغۇز كىشىلىك نامايىش يىللىق خاتىرىسى ئۆتكۈزۈلدى

22- ئىيۇن شەنبە كۈنى ئابدۇرېھىم غېنى يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسى داغدۇغۇلۇق خاتىرەلەندى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 

تەييارلىغۇچى: ئەردەم 

2019-6-22

   

22- ئىيۇن شەنبە كۈنى ئابدۇرېھىم غېنى يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسى داغدۇغۇلۇق خاتىرەلەندى.

ئابدۇرېھىم غېنى 2017- يىلى 5-ئايدا ئاتا- ئانىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەندىن كىيىن، بىر يىل بۇرۇقتۇملۇقتا قاتتىق ئازاپلانغان ۋە ئۆيىدىن 50 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئامىستىردام مەيدانى ۋە گوللاندىيە پارلامىنتى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن.

دام مەيدانى گوللاندىيە پايتەختى ئامىستىردامنىڭ مەركىزى مەيدانى بولۇپ، كۈنلۈكى مىلىيونلىغان ساياھەتچىلەر، زىيارەتچىلەر  ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، داڭلىق سودا- سارايلار جايلاشقان قايناق بازارنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، دام مەيدانى كەڭ سەيناسى ئەتراپىدا ھەيۋەت بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئامىستىردامنىڭ قىش-سوغۇقلىرى، پىژژىغىم ئىسسىقلىرى، بىسىق يوللىرى، قاتناش قىستاڭچىلىقلىرى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى تىرىشچانلىقىنى سۇسلاشتۇرالمىدى. ئەكسىنچە، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، ئاتا- ئانىسىنىڭلا ئەمەس، لاگىرغا سولانغان پۈتۈن ئاتا- ئانىلارنىڭ، پۈتۈن مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىق داۋاسىغا ئاتلاندى. بىر يىل ئىچىدە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن كىشىلەر خالىس ياردەملەردە بولدى، سوغۇق سۇ سەپكەن، تاپا-تەنە قىلغانلارمۇ بولدى. بىراق ئابدۇرىھىم غىنى بۇ يالغۇز كىشىلىك كىمىسىنى چۆلدە ھەيدەپ ماڭغاندەك تەس تۇيۇلسىمۇ، ھىچ بوشاشماستىن ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭدى. بەلكى ئۇ ئابدۇرىھىم غىنى نامايىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، نامايىشتا يىڭى- يىڭى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خەلقئالەمنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھالا بۈگۈن ئۇ دام مەيدانىدا، يالغۇز كىشىىك نامايىشنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى»ئۆتكۈزۈپ، نامايىشنى يېڭىچە بىر قىياپەت بىلەن جانلاندۇرۇپ، دام مەيدانىدىكى كۇر مىڭلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى. ھەر تەرەپتىن كەلگەن پىداكلار دوستلارنىڭ ياردىمىدە چىدىرلار مەيداننىڭ مەركىزىگە تىكىلدى، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان لوزۇنكا رەسىملەر ۋەتەندىكى ھەر تۈرلۈك زۇلۇم، مۇستەبىتلىك، ئېرقىي قىرغىنچىلىق، مەدەنىيەت قىرغىنچلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرەتتى. مەيداندىكى ساياھەتچى، زىيارەتچىلەرمۇ ئالاھىدە كۆپ كۆرۈنەتتى.

 بۇ نامايىشنى قوللاپ، ئابدۇرېھىم غېنىنى تەقدىرلەپ ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىم دام مەيدانىغا كەلدى ۋە تەسىرلىك نۇتۇقلارنى سۆزلىدى. پائالىيەت مۇقەددىمىسىدە ئابدۇرېھىم غېنى ئىچىلىش سۆزى قىلدى، ئاندىن رابىيە قادىر خانىم ۋەتىنىمىزدە بولىۋاتقان زۇلۇملار ئۈچۈن بىزلەردىن مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان ئابدۇرېھىم غېنىلار چىقىشى كىرەكلىكىنى، ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئۇيغۇلاردىن چىققان قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى. ئاندىن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى ۋەكىلى ئەيسا قارىم  ئەرەپ تىلىدا ۋەتىنىمىزدىكى ئەھۋاللار ۋە ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ تىرىشچانلىقىنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى. ئۇترىخ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى ئوسمان، لاگىلارنىڭ تىرىك شاھىدى ئۆمەربەگ ئالى قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلدى.

ئاندىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلېش پائالىيەتلىرى باشلىنىپ، ئۇيغۇرچە تاراتقۇلاردىن  ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئۇيغۇر رادىئو- تىلۋىزىيەسى، ئۇيغۇر ساداسى،  پىدائىي ئېكرانى، تەجەللى سەھىپىسى، چەتئەل ئاخباراتلىرىدىن دۇبەينىڭ ھۆكۈمەت قانىلى «ئەلئەن»، تۈركىيە ئانادولۇ خەۋەرلىرى، نىدا خەۋەرلىرى قاتارلىقلار ئابدۇرېھىم غېنى ۋە رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدى.

بىر قاتار قىزغىن زىيارەتلەردىن كىيىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن ھازىرلانغان كىتابلار، يىمەكلىكلەر، سەنئەت بويۇملىرى، چالغۇ ئەسۋابلاردىن دۇتتار، تەمبۇر، داپ قاتارلىقلاردا چىلىنغان مۇڭلۇق كۈيلەر زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئەخمەتجان پىدائىينىڭ دۇتتار ساداسى ياڭرىغاندا پۈتۈن دام مەيدانىنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلدى. بىلگىيەدىن دۆلەت ئاتلاپ كەلگەن ياشلار تەمبۇر، داپلارنىڭ گۈزەل ساداسىنى ياڭراتتى، پۈتۈن مەيدان ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سالدى. دام مەيدانىدىكى بۇ ئۆزگىچە نامايىش ھەممە زىيارەتچىلەرگە بۆلەكچە زوق بېغىشلاپ، تەرەپ- تەرەپتىن كىلىپ سۆزىمىزگە قۇلاق سالدى.

بىرەر سائەت نەغمە- ناۋا قىلىنغاندىن كىيىن، ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، ھازىرقى ئېغىر ۋە كەسكىن ۋەزىيىتى توغرىسىدا زىيارەتچىلەرگە چۈشەنچە بىرىلىپ، ئۇلارنى ئابدۇرېھىم غېنى تەييارلىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت  كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا تەقدىم قىلىنىدىغان، لاگىرلارنى تاقاشقا چاقىرىق جەدۋەللىرىگە ئىمزا قويدۇرۇلدى.

نامايىش باشتىن- ئاياغ تەرتىپلىك، ئالدىراش، قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى. سائەت ئالتىلەردە نامايىش ئاياغلىشىپ، ئۇتۇقلۇق تاماملاندى . ئاگېنتلىقىمىز ئېگىلمەس قەھرىمان ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ بىر يىللىق نامايىش خاتىرە كۈنىنى قۇتلۇقلايمىز ۋە ئۇنىڭ مېھنەتلىرىگە بەرىكەت تىلەيمىز!

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

قۇززات ئالتاي ياۋرۇپادا سەييارە لېكسىيە سۆزلەيدۇ

يە ئىيۇن 23 , 2019
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان يۈز كەرە يۈز پىروگىراممىسىنىڭ مەسئۇلى قۇززات ئالتاي ئەپەندىم ئىككى ھەپتىلىك ياۋرۇپا زىيارىتىدە بولىدۇ. ياۋرۇپانىڭ لوندۇن، مېيىنخۈن ، فىرانكىپورت، كۆلۈن، ئۈدرك قاتارلىق بىر قانچە شەھىردە ئايرىم -ئايرىم لېكسيە سۆزلەيدۇ

You May Like