ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئامېرىكانىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايىك پومپېئوغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ماي ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن سابرىنا سوھائىل ۋە ياكوب روپې قاتارلىقلار 6-ماي سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايىك پومپېئو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

مايىك پومپېئو 2018-يىلدىن 2021-يىلغىچە، ترامپنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ ۋەزىپە مۇددىتىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەن، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قانۇن ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلغان، ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىشقا بىر كۈن قالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلدى دەپ جاكارلاپ، دۇنيا بويلاپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشىغا يول ئاچقان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەيئەت – تەشەككۈر بەلگىسى، خاتىرە بۇيۇملار، ھەم شۇنداقلا رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرىشى» ناملىق ئەسىرىنى مايىك پومپېئوغا تەقدىم قىلغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز – قارىشىدا: «بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟»

جۈ ماي 9 , 2025
ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى شەخسلىرى، يەنى زىيالىيلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا شۇ خەلقنى بىرەر مۇددىئاغا يېتىلەيدىغان، ئۇنىڭغا ئۈلگە-ئىبرەت بولالايدىغان، خەلق مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ھەقىقىي زىيالىيلىرىمۇ بولىدۇ. مۇنداق زىيالىيلار دائىم ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتىن تاشقىرى يەنە مىللىي تەرەققىياتقىمۇ ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇش بىلەن بىللە […]
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز – قارىشىدا: «بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟»

You May Like