ئامېرىكا 2022-يىللىق دۇنيا دىنى ھوقۇق دوكلاتىنى ئىلان قىلدى.بىلىنكىىن ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا 2022-يىللىق دۇنيا دىنى ھوقۇق دوكلاتىنى ئىلان قىلدى.بىلىنكىىن ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا 2022-يىللىق دۇنيا دىنى ھوقۇق دوكلاتىنى ئىلان قىلدى.بىلىنكىىن ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

 

تۇرغۇنجان يىلتىز, ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2023-يىلى، 16-ماي

 

ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنى ئ‍ەركىنلىكنى تەكشۈرۈپ باھالاپ،دوكلات ئىلان قىلىدۇ ۋە شۇ ئاساستا دىپلوماتىك پائالىيەت ۋە سياسەت ئىلىپ بارىدۇ.

بۇ يىللىق دىنى ئەركىنلىك ھەققىدىكى دوكلات 15-ماي ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ئىلان قىلىنش يېغىنىدا تاشقى ئ‍شلار منستىرى ئانتونى بىلىنكىن ۋە دىنى ئەركىنلىك ئەلچىسى ھۈسەيىن ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا سۆز قىلغان.بۇ يىللىق دوكلاتنىڭ ختايغا ئائىت قسمىدا، ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى، لاگىر ۋە مەجبۇرى ئەمگەك تېمىسى يورۇتۇپ بىرىلگەن.

ئانتونى بىلىنكىن ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا ئامېرىكىدىكى ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ تاشقى ئ‍شلار منستىرىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەمگىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشدىكى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە.ئانتونى بىلىنكىن مۇنداق دىگەن:

«دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، پۇقرالار ۋە ئاممىۋى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى دۆلەتلەرنىڭ دىنى ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلمىشغا قارشى چوڭ خەتەرلەرگە قارىماي ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئ‍ۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار ختاينىڭ شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە جىنايەتلىرىنى ھۈججەتلەشتۈرۈپ( ئ‍سپاتلاپ) كەلمەكتە.

 

 

دىنى ئەركىنلىك دوكلاتىئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى تارمىقىدىكى ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك ئ‍شخانىسى تەرىپىدىن تەييارلىنىدۇ ۋە دىنى ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى ۋە تاشقى ئ‍شلار منسترى  تەرىپىدىن ئىلان قىلىنىدۇ.

مەزكۇر دوكلات خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق ساھەسدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھۈججەتلەردىن بىرى ھسابلىنىدۇ.

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ماكرون: روسيە ختاينىڭ بېقىندىسغا ئايلىنىپ قالدى. روسيە:بېقىنىش مەۋجۇت ئەمەس.

سە ماي 16 , 2023
ماكرون: روسيە ختاينىڭ بېقىندىسغا ئايلىنىپ قالدى. روسيە:بېقىنىش مەۋجۇت ئەمە

You May Like