ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تۇيغۇ
2020-9-30
بۆلەك زەنجىرىBlockchain ئانالىز شىركىتى Chainalysis ئېلان قىلغان «2020-يىللىق شىفىرلىق پۇل» دوكلاتىغا قارىغاندا ، تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى شىفىرلىق پۇل سودا سوممىسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ ، دۇنيادا 29-ئورۇندا ، ئىران ۋە مىسىر بولسا ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 52-ۋە ئىككىنچى 64- ئورۇندا تۇرغان.
بىتتەڭگە 2009-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتىكى 0.3ئامېرىكا دوللىرىدىن ھازىر تەخمىنەن 10000ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆسۈپ ،ئون يىلدا قىممىتى 30000ھەسسە ئۆرلىدى .ئەينى ۋاقىتتا بىر تۈمەن لىرالىق بىتتەڭگىسى سېتىۋالغان بولسىڭىز ھازىر مىلياردېر بولاتتىڭىز .
ھازىر تۇرك لىراسىدا بىر بىتتەڭگىسى 83300 لىرا . يەنى 10700 دوللار .
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن : «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، لىرانىڭ شىددەت بىلەن داۋالغۇشى بىلەن ، بىر قىسىم كىشىلەر يىغقان پۇللىرىنىڭ بىر قىسمىنى شىفىرلىق پۇلغايەنى (Cryptocurrency) بىت تەڭگىسى دىگەندەكلەرگە ئايلاندۇرغان .
ئىگىلىنىشچە ، بىت تەڭگىسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى داڭقى رايوندىكى باشقا دۆلەتلەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. PARiBU ۋە BtcTurk تۇركىيە ئىچىدىك ىشىفىرلىق پۇل ئىلىم سىتىم قىلدىغان شىركەتلەر ، نورمالدا ئابونە بولغانلار تىلۋون ۋە كومپىيوتۇردىلا ئىلىم سىتىم قىلالايدۇ . بۇلارايوندىكى پائالىيەتتە تۆتىنچى ۋە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ، بۇلارنىى قوللانغۇچىلار كۆپۇنچىسى دېگۈدەك تۈرك ئابونتلار. ھازىرغا قەدەر ، BtcTurk دىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سودا تۈرى لىرانى بىت تەڭگىسىگە ئايلاندۇرۇش.
تۈركىيە تېخى (شىفىرلىق پۇل )غا ئائىت قانۇن قائىدە يولغا قويمىدى ، ئەمما دۆلەتنىڭ كاپىتال بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شىركىتى 1-ئايدا شىفىرلىق پۇل بازىرىدا تەكشۈرۈش ۋە دوكلات ئېلىپ بارغانلىقىنى ، ئاخىرقى مەقسەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە چىقىرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان .