تۈرك ئادۋوكات خىتاي دۆلەت رەئىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

شىرناك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىدىن بىر ئادۋوكات تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشىدا پەرۋاسىزلىق قىلدى دەپ قارىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇندى.

تۈركىيە خەۋەرلەر تورى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 9.ئاپرىل

 

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-04-10

 

شىرناك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىدىن بىر ئادۋوكات تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىشىدا پەرۋاسىزلىق قىلدى دەپ قارىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇندى. 

 

شىرناك ئادۋوكاتلىرىدىن مەھمەت ئىھسان كالكاۋان تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھرىدە ئوتتۇرىغا چىققان تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا ئالاقىدار دىققەت تارتىدىغان بىر جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇندى. كالكاۋان ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدىكى جىنايى ئىشلار ئەرزىدە تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىدا پەرۋاسىزلىق قىلغانلىقىنى سەۋەپ كۆرسەتتى. 

 

 

ئەرزدە باشقا خىتاي ئەمەلدارلارمۇ بار 

 

شىرناكنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدە ياشايدىغان ئادۋوكات مەھمەت ئىھسان كالكاۋان ، ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بەزى خىتاي ئەمەلدارلار ھەققىدە جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇندى. 

 

ئادۋوكات مەھمەت ئىھسان كالكاۋان، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلدىم. 

 

“ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر تۈرك جازا قانۇنىنىڭ 77. ماددىسىدە ۋە خەلقئارا جازا مەھكىمىسى جازا قانۇنىنىڭ 7. ماددىسىدىمۇ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر بەلگىلەنمە بىلەن ھەر قانداق بىر پۇخراغا قارشى كەڭ دائىرىدە ۋە سېستىمىلىق بىر ھۇجۇمنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە سادىر قىلىنغان ئۆلتۈرۈش، ئوپچە يوقىتىش جىنايەتلىرى دائىرىسىدە ھۆكۈم قىلىنىشى لازىم “ دېدى.

 

ئەسلى مەنبە: Haberler.com

 

https://m.haberler.com/sirnakli-avukat-cin-devlet-baskani-hakkinda-suc-13104521-haberi/

 

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

ترامپ ئامېرىكىدىكى بارلىق شىتاتلاردا ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق «چوڭ ئاپەت »ھالىتى ئېلان قىلدى .

يە ئاپرېل 12 , 2020
«فوكس خەۋەرلىرى » تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا پرىزدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم 50 شىتاتنىڭ ھەممىسىدە «چوڭ ئاپەت »ئېلان قىلدى .

You May Like