جۇمھۇرىيەت خەلق پارتيسنىڭ باشلىقى ئالماشتى، ئۆزگۈر ئۆزەل كىم؟

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتيسنىڭ باشلىقى ئالماشتى، ئۆزگۈر ئۆزەل كىم؟

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈم تەييارلىدى

2023-يىلى 5-نويابىر كۈنى 

تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى سياسى پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى (CHP) يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەنىڭ 38-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىي (Olağan Kurultayı ) مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارتىيە مەجلىسى ۋە يۈكسەك ئىنتىزام ئىدارسى (YDK)سايلىمى نەتىجىسدە يېڭى نۆۋەتلىك لىدىرى ئۆزگۈر ئۆزەلنى سايلاپ چىقتى.

 49 ياشلىق ئ‍سلاھاتچى ئ‍ۆزگۈر ئۆزەل (Ozgur Ozel)ئومۇمى 1366 بىلەت ئىچىدە 812 بېلەتكە ئېرىشپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك قۇرغان مەزكۇر سياسى پارتىيەنىڭ 8-نۆۋەتلىك رەھبىرى بولۇپ سايلاندى.

ئۆزگۈر ئەنقەرەدىكى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسمدا سۆز قىلىپ، تۈرك خەلقىگە يېڭى پارلاق كېلەچەك ۋەدە قىلدى ۋە خەلقنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى، ئېقتسادى ئ‍سلاھات ئىلىپ بىرش ئ‍شلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزگۈر ئۆزەل 1974-يىلى 21-سىنتەبىردە، مانىسادا بالقان تۈركلىرىگە مەنسۇپ ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئەگە ئۇنېۋېرسىتىتى (Ege University ) دورىگەرلىك كەسپنى پۈتتۈرگەن.

سياسەتكە قاتنىششتىن بۇرۇن، دورىگەرلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 2011-يىلى مانساغا ۋەكىللىك قىلىپ سايلامغا قاتنىشپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى پارلامىنىت ئەزاسى بولغان.

پارتىيەنىڭ 2010-يىلدىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەپ كەلگەن 74 ياشلىق لىدىرى كامال قىلىچدارئوغلۇ پارتىيە لىدىر ۋەزىپىسدىن قالدى، قىلىچدار ئوغلۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن 13 يىلدىن ئارتۇق مۇددەتتە، ج ھ پ گەرچە بىر قسم يەرلىك سايلامدا،  ئ‍ستانبۇل ۋە ئەنقەرەدەك چوڭ شەھەرلەردە ئۇتۇپ چىققان بولسمۇ، ئەمما ھىچقانداق مەملىكەت خاراكتىرلىك چوڭ سايلامدا ئۇتالمىغانىدى. بۇ جەرياندا تەنقىدچىلەر مەزكۇر پارتىيەنى «دىموكراتىيەدىن يىراقلاشتى، ھوقۇق بىر شەخسكە مەركەزلەشتى، ياراملىق سياسى لىدىر نامزاتى چېقىرالمىدى»دەپ تەنقىد قىلدى.

بۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرەزدىنتلىق سايلىمى-مەزكۇر پارتىيە ئۈچۈن چوڭ پۇرسەت دەپ قارالغان بولۇپ، تۈركىيە ئېقتسادىنىڭ ناچار ۋەزىيتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدۇ دەپ قارالغان مىللەت ئېتتپاقى نامزاتى كامال قىلىچدارئوغلۇ نەتىجىدە ئەردوغانغا ئۇتتۇرۇپ ، 3-نۆۋەتلىك پىرەزدىنتلىقى ئۈچۈن يول ئاچتى.

كامال قىلىچدارئوغلۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئالمىشش ھەرىكىتىنى ئ‍ستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۆزگۈر ئۆزەل« ئەكرەم ئىمامئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىمىز ۋە پارتىيىمىز ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىمىز-دىگەن.

uyghurtimesuyghur

One thought on “جۇمھۇرىيەت خەلق پارتيسنىڭ باشلىقى ئالماشتى، ئۆزگۈر ئۆزەل كىم؟

  1. Could you please post English ?

    translations of your articl
    I use Google Translate, but often this is inaccurate and doesn’t work for long articles.?
    In any case, you call yourself «Uighur Times», so maybe a little bit of English might be appropriate.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دۇنيا ئەركىنلىك مۇنبىرىگە ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى؛

سە نويابىر 7 , 2023
ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقى،7-نويابىر 11-ئاينىڭ 6-كۇنى لىتۋانىيە پايتەختى. ۋىلنىئۇسدا 55 دۆلەتتىن كەلگەن 300’گە يىقىن ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلىغان دۇنيا ئەركىنلىك قۇرۇلتىينڭ يىللىق ئۇمۇمىي يېغىنى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ئۆمەر قانات ئەپەندى مۇنداق دىگەن: » لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان يېغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىغى مەسىلىسىنى يېغىننىڭ كۈنتەرتىۋىگە كىرگۇزدى. بۇ يېغىننىڭ […]
دۇنيا ئەركىنلىك مۇنبىرى

You May Like