تۇنجى قارارلىق تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە نۇتۇق ماھارىتى كۇرسى غەلىبىلىك تاماملاندى

تۇنجى قارارلىق تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە نۇتۇق ماھارىتى كۇرسى غەلىبىلىك تاماملاندى

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 9-فېۋرال

تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ قوللىشى ، ئۇيغۇر يار فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە ياش يازغۇچى ئىمران سادائىنىڭ پىلانلىشى بىلەن ئېچىلغان تۇنجى قاتاردىكى تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە نۇتۇق ماھارىتى كۇرسى 2-ئاينىڭ 6- كۈنى غەلىبىلىك تاماملاندى. 

تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش مۇراسىمىغا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى مەھمۇد بېيىكلى ۋە بىر قىسىم تۈرك شائىرلار قاتناشتى.

ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا كۇرسانتلار ۋە مۇراسىمغا قاتناشقان شائىرلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى . مۇراسىم ئاخىرىدا مەھمۇد بېيىكلى سۆز قىلىپ « خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىغا قارشى ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇردۇق، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈنتەرتىپتە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشتۇق ،  بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاۋازى ئۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىمىز » دېدى. 

مۇراسىم ئاخىرىدا كۇرسانتلار بۇ قېتىمقى كۇرسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر ئۆزگۈر چوبانغا دوپپا ۋە گۈلدەستىلەر بىلەن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى .

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيە-گېرمانىيە ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى

چا فېۋرال 9 , 2022
فىرانسىيە-گېرمانىيە ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى

You May Like