ئۇيغۇرلار قامالدا ياشاۋاتقىلى يۈز كۈندىن ئاشتى، ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يوق
ئۇيغۇر مۇخبىر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 11-نويابىر
ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ شەھەرلىرى خىتاينىڭ ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش باھانىسىدە يولغا قويغان ۋەھشىي قامالىدا تۇرۇۋاتقىلى يۈز كۈندىن ئاشتى، ھەر كۈنى ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس.
غۇلجىدا يۈز بەرگەن ئاچ قالدۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە خىتاي ۋەتەننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە قامال ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم-يېتىمگە ئائىت، ئىسيانكارلىقىغا ئائىت ۋىدىئولارنى چەكلەش ھەققىدە پەرمان ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نويابىرنىڭ 10-كۈنىگىچە قولغا چۈشۈرگەن 15 دىن ئارتۇق ۋىدىئودا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ۋەزىيەت ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، كىشىلەر تالاغا چىقىلمايدۇ، تاماق-ئوزۇقلۇقى يوق، ئاھالە كومىتېتىغا تېلېفون قىلسا جاۋاب بەرمەيدۇ، ياردەم قىلمايدۇ، نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھەتتا تاماق سېتىۋالىدىغان پۇلىمۇ يوق، توردا دەرد ئېيتسا، دويىن ئاككونتى توختىتىلىدۇ ياكى ۋىدىئو ئۆچۈرۈلىدۇ. قوشنىلارمۇ ياردەم قىلالمايدۇ، ھېچكىم سىرتقا چىقىلمايدۇ، ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە ياردەم قىلغۇدەك ماغدۇرى-ماجالى يوق.
ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي ئېلان قىلغان ۋىدىئودا مۇنداق دېگەن: « مەن ئۆلسەم كېسەلدىن ئەمەس، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن.»
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا يەتكۈزۈلگەن، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر خانىم ۋەتەندىكى ئانىسىدىن ئالغان بىر ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «قىزىم، مەن ۋەسىيەت قالدۇراي دېگەنىدىم، ئەمما ۋەسىيەت قالدۇرغۇدەك بىرەر ئادەممۇ يوق، ئۆلۈپ تۈگەيدىغان ئوخشايمىز.»
بىر ئۇيغۇر تور چولپىنىنىڭ : «بىز ھايۋان ئەمەس، قوي ئەمەس، بىز ئىنسان! بىزگە بۇنداق قىلما!» دېگەن ۋىدىئوسى تورلاردا تارقىلىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق سۆزى ئىدى. نۆۋەتتە بۇ تۈردىكى قىسقا فىلىملار پىچاقنىڭ سۆڭەككە يەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تونۇلماقتا.
خىتاينىڭ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش سىياسىتى خىتاينىڭ ئەڭ ۋەھشىي ماھىيىتىنى ئاشكارا كۆرسەتتى.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىقى سىياسىتىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش سىياسىتىدىن ئامان قالارمۇ؟ بۇ سوئال ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خىزمەتچى خادىملىرى بىر نەچچە ئايدىن بىرى بىر-بىرىدىن سوراپ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلە.
خىتاي ئاۋۋال غۇلجىدا ئاندىن باشقا چوڭ-كىچىك ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش، شەھەرنى تاقاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانىدى. سوسيال مېدىيا ئارقىلىق تارقالغان ئۇچۇرلار خىتاينىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈش ۋە تونۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. كېيىن ج خ تارماقلىرى پىتنە-ئىغۋا تارقاتقۇچىلار جازالىنىدۇ دېگەن پەرمان بىلەن خىتاينىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى چەكلىگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ھەتتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلاشمۇ چوڭ مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.