ناتو روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى

22-ماي، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پارلامېنت مەجلىسى (ش ئا ئە ت) روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى…

ناتو روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى

 

2023-5-23 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى 

تەييارلىغۇچى: تارىم 

 

22-ماي، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پارلامېنت مەجلىسى (ش ئا ئە ت) روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى. 

 

بۇنىڭدىن باشقا ، ناتو پارلامىنت مەجلىسى ئەزا ھۆكۈمەتلىرىنى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىنانىڭ ئەزالىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلىشقا ۋە ئۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق قەدەمدە بىرلىككە كېلىشكە چاقىردى.

 

خىتابنامىدە روسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى خەلقئارا سوتتا ئەيىبلەش ، ئۇكرائىنانىڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋەدە بېرىش ، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەدىسى ، روسىيەگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازا يۈرگۈزۈش ۋە  ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان «مارشال پىلانى» قاتارلىقلار بار.

Uyghur Reporter

Next Post

سۇلايمان سويلۇ: ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى ختايغا قارشى قوللىنىدۇ

سە ماي 23 , 2023
سۇلايمان سويلۇ: ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى ختايغا قارشى قوللىنىدۇ

You May Like