خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدىكى رەزىل يۇقۇم سىياسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ساختا ئويۇن ئوينىماقتا

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدىكى ئاتالمىش «ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، خەلقنى ئاچ قويۇپ يوقىتىشتەك سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تورلاردا ساختا ئويۇنلىرىنى ئويناشقا باشلىغان. تۋىتتېردا ئاشكارىلانغان تۆۋەندىكى خىتايچە ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:

 خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدىكى رەزىل يۇقۇم سىياسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ساختا ئويۇن ئوينىماقتا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8- سېنتەبىر

 

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدىكى ئاتالمىش «ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، خەلقنى ئاچ قويۇپ يوقىتىشتەك سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن  تورلاردا ساختا ئويۇنلىرىنى ئويناشقا باشلىغان. تۋىتتېردا ئاشكارىلانغان تۆۋەندىكى خىتايچە ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:

#ئىلىدىكى يۇقۇملۇق ئەھۋالى # ئىلىدىكى قىزىق نۇقتىلىق پاراڭلار توپى

« ئۇقتۇرۇش: ئاپتونوم رايونلۇق تور يازارلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، نۆۋەتتە پۈتكۈل تور يازارلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، مىكروبلوگتىكى قىزىق نۇقتىلىق تېمىلارنى سۇسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ يايدۇرۇش لازىم. ھەر قايسى مەسئۇل خادىملار تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشى لازىم.

1. ئۆز خىزمەت دائىرىسى تەۋەلىكىدىكى تور يازارلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا توردىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى سۇسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك، ۋەزىپىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بالدۇر ياكى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەشكە بولمايدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت بۈگۈن 20 دىن 22 غىچە!

2. پاراڭ تېمىلىرىنى سۇسلاشتۇرۇشتا ئۇسۇل ۋە قائىدىلەرگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالىغا، پىدائىيلار خىزمىتىگە، ئالدىنى ئېلىش سىياسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى يوللاپ سالماسلىقىمىز كېرەك.

3. دىققەتنى چاچىدىغان مەزمۇنلارنىڭ چەكلىمىسى يوق، مەسىلەن: ئائىلىدىكى تۇرمۇش ئەھۋالى، كۈندىلىك بالىلارنى تەربىيەلەش ئەھۋالى، تاماق ئېتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىساق بولىدۇ. ھەممىسىنى ئۆز كەيپىياتىغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك؛ تور يازارلار ھەر سائەتتە بىر مەزمۇن يوللىشى( ھەربىر كىشى جەمئىي ئىككى مەزمۇن يوللايدۇ) كېرەك، ئوخشاش مەزمۇننى قايتا يوللىماسلىق كېرەك!  ئوخشاش مەزمۇننى قايتا يوللىماسلىق كېرەك!  ئوخشاش مەزمۇننى قايتا يوللىماسلىق كېرەك!  

4. ھەرقايسى ئەزالار مەخپىيەتلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى مىكروبلوگقا يوللاشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئەگەر خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرمە قىلىنىدۇ!» 

  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ فىرانسىيەدىكى پائالىيىتى قارشىلىققا دۇچ كەلدى

شە سېنتەبىر 10 , 2022
خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ فىرانسىيەدىكى پائالىيىتى قارشىلىققا دۇچ كەلدى

You May Like