خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇكرائىنادىكى بارلىق خىتايلارنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇپ يۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

664 نەپەر رۇسىيە ئاكادېمىك خادىملىرى ۋە مۇخبىرلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان

ئىزاھات: دۇنيا بىر تارىخى ئۆزگىرىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاي باشچىلىقىدىكى دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى بولغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى -21-ئەسىردىكى سىياسىي سەھنىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇكرائىنا ئۇرۇشنى تىز سۈرئەتتە خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسى ھەققىدە بىۋاسىتە ۋە توغرا ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر تارىخى نۇتۇقنى ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، خەلقىمىز ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەقسىز تەرجىمە قىلىپ سۇندۇق. ئىبرەت ۋە تەدبىر ئىلىش بىزدىن.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا -روسيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگىلى ئىككى ئاي بولدى، روسيە 190مىڭ ئەسكەر بىلەن ئۇكرائىنانى ئۈچ تەرەپتىن قورشغانىدى.ئۇرۇش باشلانسا، ئامېرىكا ۋە ناتوغا تەھدىت بولاتتى، مۇساپىرلار ياۋروپانى قاپلايدۇ،ئېقتساد ئۆلىدۇ، ھەتتا روسيە يېقىلغۇنى توختىتىدۇ.بەلكىم ئۇرۇش-ياۋروپا كېڭىيشى مۇمكىن، شۇڭا ئامېرىكا ۋە غەرپ دىپلوماتىك تېرشچانلىقلارنى يەتكۈچە قىلدى.خەلقئارادا پۇتىنغا كۆپ چاقىرىقلار بولدى، ئېقتسادى جازا ھەققىدە تەھدىتلەر سلىندى.