ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 12- دېكابىر شەنبە كۈنى «13 توملۇق زور ئەسەر «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ نەشىر قىلىنىشقا باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت ۋە ئۇنىڭ زور ئەمگىكى ئۈچۈن تون كىيدۈرۈش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى.

12-ئاينىڭ 11، 12، 13-كۇنلىرى ياپونىيە كاناگاۋا ئۆلكىسىنىڭ زىشىشەھرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۇزۇلدى. بۇ كۆرگەزمىنى زىشى شەھەر پارلامىتنىڭ باشلىقى مارۇياما ئەپەندىم بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان . بۇ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدىنىيىتى، شەرقىي تۇركىستاننىڭ جۇغراپىيىسى، بايلىقلىرى، ئەڭ ئاساسلىق قىلىنىپ شەرقىي تۇركىستانلىقىلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدە ئۇچۇرغان زۇلۇملىرى گەۋدىلەندۇرۇلگەن .

كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش تەشكىلاتى (HRW) ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى ئىلغار تېخنىكا قوللىنىپ سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ۋە بۈيۈك ئۇچۇر پىروگراممىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قولغا ئالغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قولغا ئېلىنغان 2000 دىن كۆپ كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈرگەن HRW ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، « بىرلەشمە ئورتاق مەشغۇلات پىروگراممىسى» ( IJOP ) ناملىق بۈيۈك ئۇچۇر پىروگراممىنىڭ، تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى قولغا ئېلىش ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ۋە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ بۇ تىزىملىككە ئاساسەن كىشىلەرنى «سىياسىي ئۆگېنىش » لاگېرلا

ئامېرىكا ئاۋازى (美国之音) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنىستىرى پومپىيو 10-نويابىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى .

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتاي خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. «يەرشارى ئۆزگىرىشى دۇچ كېلىۋاتقان ياۋروپا-ئامېرىكا يېڭى مەسىلىسى» تېمىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسىدە، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنى «ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان» بىرلىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر يېڭى يەرشارى ئىتتىپاقى قۇرۇپ چىقىپ، خىتاي شەكىللەندۈرگەن «ئىستراتېگىيىلىك خىرىس» قا تاقابىل تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

شۋېتسارىيەدىكى خەلقئارالىق ئەلرايى تەشكىلاتى كامپاكىس بۈگۈن شۋېتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى پويىز ئىستانسسىسى ئەتراپىدا، شۋېتسارىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۇنياۋىي بانكىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىناغا 20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەشھۇر لاگېر رەسمىنى ئېسىش ئارقىلىق، بۇ بانكىنى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

4- دېكابىر دوكتۇر ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرېشىت شۋېتسارىيەنىڭ لوزان ئۇنۋېرسىتېتى ۋە جەنۋە ئۇنۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بەردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان-ت.) ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش شىركىتى (XPCC) نىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.

[مۇھىم نۇقتا] 2010- يىلىدىكى ئالتىنچى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ۋە ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكا يىلنامەسى قاتارلىق باشقا سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، مەزكۇر ماقالە قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت) نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن بايان خاراكتېرلىك تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ.

شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «مەڭگۈ» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ شائىرنىڭ بۇ يىل ئىچىدە نەشىر قىلىنغان ئىككىنچى كىتابى بولۇپ، شائىرنىڭ «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق قوش تىللىق شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «دايى» نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇلدا نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان ئىدى.

ئاۋستىرالىيە باش مىنستىرى موررىسون خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاۋ لىجىيەننىڭ تۋىتتېردا كىرىشتۈرۈلگەن «ئاۋسترالىيەلىك ئەسكەرنىڭ ئافغان بالىنى بوغۇزلاۋاتقان رەسمى» نى تارقاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلدى.

ياپونىيەدىكى مىتسۇبىشى ئېغىر سانائىتى ۋە ياپونىيە ھاۋا-ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقى (JAXA) تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ئىككى يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، H2A راكېتاسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى.

نيۇيورك تايمىز گېزىتىنىڭ 30- نويابىردىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، ئالما شىركىتىدىن كېيىن، نايىك ۋە كوكاكولا شىركەتلىرىمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى سىياسىيونلار بىلەن سۆزلەشمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا 22- نويابىر «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» (Open Skies Treaty) دىن رەسمىي چېكىنىپ چىققان بولۇپ، ترامپنىڭ تەختتىن چۈشۈش ئالدىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى كېچە سائەت 1:30 ئەتراپىدا، ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىت (ئېھسان) تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن دائىش تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارىلىپ، ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

26- نويابىر ئىستانبۇل باكىر كۆي سوت مەھكىمىسىدە خىتاي ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەۋلۈدە ئەزىزنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى، تۈرك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى يۈجەل تاناي ئ‍ۈستىدىن قىلىنغان شىكايىتىگە سوت ئېچىلدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ لوندوندىن خەۋەر قىلىشىچە، 24- نويابىر ئەنگىلىيە يېڭى قانۇن جاكارلىغان بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتتىكى تېلېگراف كەسپىدىكىلەر خۇاۋېي ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سودا ئوبورتىنىڭ %10 ياكى ھەر كۈنى 100 مىڭ فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىنكەن.