نان ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بولمىسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم يىمەكلەردىن بىرى، قولى چىۋەر تىرىشچان ئۇيغۇرلار ناننىڭ ئوزۇقللۇق قىممىتىگىلا ئەھمىيەت بىرىپ قالماستىن ئۇنىڭ شەكلى ۋە ئىستىتىك گۈزەللىكىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن بولۇپ ھازىرغا قەدەر بىز بىلىدىغان ناننىڭ تۈرلىرى ئوننەچچە خىلغا يىتىدۇ.

پولو ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم تاماقلىرىدىن بىرى بولۇپ ،ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا بەك مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، توي تۆكۈن ۋە نەزىر چىراقلار پولوسىز بولمايدۇ. ئەزىر مىھمانلار پولو بىلنە قارشى ئىلىنىدۇ ياكى ئۇزىتىلىدۇ.

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى ئامېرىكا <<بايلىق>> ژۇرنىلى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى قېتىم <<2015-يىللىق دۇنيانى ئۆزگەرتكەن شىركەتلەر>> تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. جۇڭگودىن <<ئەلى بابا>> شىركىتى بىلەن <<بىيادى>> شىركىتى بۇ تىزىملىككە كىرگەن.

2017- يىل 20- ئۆكتەبىر  بۇ يازمىنى گۈلنىگار نۇرھېكىم تەييارلىدى نوبىل مۇكاپاتى شىۋىتسىيەلىك داڭلىق خىمىيە ئالىمى ئالفېرد نوبىلنىڭ مەلۇم مىراسىنى مەبلەغ قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان مۇكاپات بولۇپ ، ئالفېرد نوبىل ھاياتىدا 355 تېخنىكا تۇرىدە كەشپىيات ياراتقان ھەم ياۋرۇپا قىتئەسى ، ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق بەش چوڭ قىتئەدىكى 20 دۆۋلەتتە 100 يېقىن شىركەت ۋە زاۋۇد […]

«باي دادام، نامرات دادام» ناملىق كىتابتا نەق پۇلنىڭ ئېقىشىدىكى كوردىناتلىق چارەك تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، جەمئىي تۆت دانە كوردىناتلىق چارەك ئارقىلىق كىرىمنىڭ كېلىش مەنبەسى تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭدا سول يۇقىرى چارەك باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەشنى، سول تۆۋەن چارەك ئۆزىگە ئۆزى ئىشلەشنى، ئوڭ يۇقىرى چارەك باشقۇرغۇچى بولۇشنى، ئوڭ تۆۋەن چارەك بولسا مەبلەغ سېلىشنى ئىپادىلىگەن. ئومۇمەن […]

ئۇزدىل تورىدىن ئىلىندى ئۇزدىل تورى مۇلاھىزىسى: سىز بەلكىم «مەخپىيەتلىك (The Secret)» ناملىق كىتاب ياكى فىلىمنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇنىڭدىكى ئالاھىيدە مەخپىيەتلىك ھېسابلانغان نەرسە دەل جەلىپ قىلىش كۈچى قانۇنىدۇر.

تور ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى رەتلەش، توپلاش ۋە يەتكۈزۈش بارغانسېرى ئاسانلىشىپ كەتتى. توردا مال سېتىۋېلىش، پاراڭلىشىش، پوچتا يوللانمىسى يوللاش، ماتېرىياللارنى بېسىش، كۆپەيتىش قاتارلىق ئىشلار ئىختىيارسىز ھالدا سىزنىڭ ئىسىم-فامىلىڭىز، كىملىك نومۇرىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، ئادرېسىڭىز قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارىلىۋېتىدۇ.

ئەر-ئايال ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىغا ئوخشايدۇ، مۇقىم تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بىللە مېڭىشى كېرەك، نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئۆز-ئارا يول قويۇش، كەچۈرۈش، توغرا چۈشىنىش بولغاندىلا بەختلىك ئۆتكىلى بولىدۇ.

. ئىش ئۆتكەندىن كېيىن خۇلاسە چىقارغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، مۇھىمى ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن شۇنداق بىر قانۇنىيەتلەرنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان بولۇش، ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنى ئويلاشقان ئاساستا ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش. 2

سۇ نەزىرى (بۇلاق تازىلاش بايرىمى) ـــ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر سۇ تېجەش، سۇنى قەدىرلەش، سۇنى كۆپەيتىش مەقسەت قىلىنغان، ئامما ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ مۇقام، مەشرەپ تەنتەنىسى ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان يەرلىك، ئەلئارا ئەنئەنىۋى بايرام. قومۇل ۋىلايىتى ئاراتۈرۈك ناھىيە باي يېزىسىنىڭ «بۇلاق تازىلاش بايرىمى» 2007-يىلى 23-ئاپرېل ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن.

قەشقەر شەھىرى ئۆستەڭ بويى كوچىسى، ھېيتكاھ جامەسى بويىدىكى ئاۋات كوچىغا جايلاشقان يۈز يىللىق كونا چايخانا ختتاينىڭ جەنۇبىدىكى چاي دەرەخلىرى يوپۇرمىقى قەدىمىي يېپەك يولى ئارقىلىق ياۋروپا، جەنۇبىي ئاسىياغا تارقالغاندا، خۇشپۇراق چايلار قەدىمىي قەشقەردىمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. چايخانا ئېچىش بەك پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسپمۇ ئەمەس.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر رومانچىلىق ئىجادىيىتى مىسلىسىز راۋاجلىنىپ، رومان ئىجادىيەتچىلىرى قوشۇنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. 91 يازغۇچىنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق رومانى نەشر قىلىندى.

دۇرۇس ئادەم بولۇش ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئاساسىي مىزانى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانىي ۋە ئېستېتىك تەرەپلەردىكى بارلىق ھەرىكەت، قاراش، مۇئامىلىلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ئىپادىلىنىشىدۇر.

ئاياللار دۇنيانىڭ قۇياشى، ئاياللارسىز دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. شۇڭا بۇ دۇنيا ئاياللار بولغاچقىلا ئەمەس، مۇھىمى ئەجداد بىلەن ئەۋلادنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، تارىخ بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلىگەن.

غەربى دىياردا چاقنىغان دولان مەشرىپى-دىگەن بۇ ماقالە خەلق تورىدىن ئىلىندى،مەزمۇن ۋە ئاتالغۇ شۇلارغا تەۋە.سياسى قسمىنى تاشلىۋىتىپ،مەدەنىي قسمىنى قوبۇل قىلىشنى سورايمىز .(جۇڭگو سۆزى ختتاي سۆزىگە ئۆزگەرتىلدى )