ئەر-ئايال ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىغا ئوخشايدۇ، مۇقىم تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بىللە مېڭىشى كېرەك، نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئۆز-ئارا يول قويۇش، كەچۈرۈش، توغرا چۈشىنىش بولغاندىلا بەختلىك ئۆتكىلى بولىدۇ. 1. ئۆز-ئارا ئالداش نۇرغۇن ئەر-ئاياللار رومانتىك مەزگىللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغان ھامان مۇھەببەت تۈگىگەندەك ھېس قىلىدۇ. لېكىن زىددىيەت ھېسسىيات چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، سەمىمىيلىك نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. 2. يۇقىرى ئۆي باھاسى ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئادەمنى قورقىتىدۇ، ۋاسىتىلىك تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر، چىقىم جىق، داۋالاش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئەر-ئاياللار سوقۇشۇپ ئاجرىشىپ كېتىدۇ. 3. ئېرىنى (ياكى ئايالىنى) باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش بەزى ئەرلەر دائىم ئايالىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، ئايالىغا: «قارا قوشنىمىزنىڭ ئايالىغا، كۈندە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدۇ، سەن كۈندە ئۆيدە ئولتۇرىسەن، بىكارغا يەپ-ئىچىپ ياتىسەن، سىرتنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارىڭ يوق» دەيدۇ. بۇنداق ھاقارەت ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا چوڭ زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. 4. ئۆزئارا گۇمانلىنىش نېمە قىلىۋاتىسەن؟ نېمىشقا تېلېفون ئالمايسەن؟ ئۈندىدارنىمۇ قايتۇرمايسەن؟ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدىڭمۇ يا؟ 5. ئۈچىنچى شەخس ئەرلەر كونىنى تاشلاپ يېڭىنى تېپىشقا ئامراق، بۇ ئاجرىشىشتىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بولۇپمۇ گۈزەل نازىنىلارنىڭ. 6. قېيىنئانا ۋە كېلىن مۇناسىۋىتى قېينانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە ئەر-ئايال ئاجرىشىپ كېتىشتىكى چوڭ سەۋەبنىڭ بىرسى بولۇپ كەلگەن، قېينانا بىلەن كېلىننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماسلىق، يولدىشى داۋاملىق ئانىسى تەرەپتە تۇرۇش، بۇنداق ئائىلە مۇناسىۋىتى ئۇزارغانسېرى ھېسسىيات سۇسلىشىدۇ. 7. ئۆي، ماشىنا ۋە تويلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھ ھازىر باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇچرىشىپ توي قىلىش مودا بولدى، بۇ دەل مۇھەببەت ئاساسى بولمىغان، ماددىي نەرسىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھ، بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش تەس، ئۇرۇش-جېدەل كۆپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئەر يۈزى تۆكۈلگەندەك ھېس قىلىپ تارتىشمايلا ئاجرىشىپ كېتىدۇ.
نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولىۋاتقان يەتتە ئامىل
ئەر-ئايال ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىغا ئوخشايدۇ، مۇقىم تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بىللە مېڭىشى كېرەك، نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئۆز-ئارا يول قويۇش، كەچۈرۈش، توغرا چۈشىنىش بولغاندىلا بەختلىك ئۆتكىلى بولىدۇ.