ئاياللار سۆزلىگەندە بۇ ئۈچ سەۋەنلىكىنى قەتئىي سادىر قىلماڭ

سۆزلەشمۇ بىر خىل سەنئەت، بولۇپمۇ ھېسسىيات ئىشىدا تېخىمۇ شۇنداق، بەزى ئاياللارنىڭ گېپى شۇنچىلىك يېقىملىق، ئەمما بەزى ئاياللارنىڭ گېپى خۇددى ئون مو يەرگە ئوغۇت بولغۇدەك سېسىق.

سۆزلەشمۇ بىر خىل سەنئەت، بولۇپمۇ ھېسسىيات ئىشىدا تېخىمۇ شۇنداق، بەزى ئاياللارنىڭ گېپى شۇنچىلىك يېقىملىق، ئەمما بەزى ئاياللارنىڭ گېپى خۇددى ئون مو يەرگە ئوغۇت بولغۇدەك سېسىق. ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى مۇھەببەت جەريانىدا، قىز-ئاياللار سۆزلەشتە بۇ ئۈچ خىل ئىشقا دىققەت قىلمىسا، ھامان بىر كۈنى ئەرلەر تەرىپىدىن تاشلىنىپ كېتىدۇ. بىرىنچى: گەپ قىلغاندا كاللىسىنى ئىشلەتمەي، قالايمىقان گەپ قىلىش. ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا بۇ ئىشلار دائىم كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇن ئاياللار گەپ قىلغاندا ئەزەلدىن قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتنى، كۆڭلىنى ئويلاپ قويمايدۇ. نېمە بولسا شۇنى دەيدۇ، ئەزەلدىن كاللىسىنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلىپ باقمايدۇ. بۇ ئىشنى چىرايلىق ئاتىساق تۈز كۆڭۈللۈك بولىدۇ، ئەگەر سەترەك ئاتىساق بۇ دۆتلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئەگەر سىز بىر نېمىنى ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق دېمەكچى بولسىڭىز، ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن يالغۇز قالغاندا دېسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ ئادەم كۆپ يەردە، ئۇنىڭ دوستلىرى بار يەردە ئېغىز ئېچىپ قالماڭ، بەزى گەپلەر ئېغىزدىن چىقىپ كەتسە قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئارتۇق سۆز ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا دەز كەتكۈزۈپلا قالماستىن، ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىمۇ ئازار يەيدۇ. مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئۆز ئارا بىر-بىرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش لازىم، گەپ قىلغاندا، بايقاپ سۆزلەش، قارشى تەرەپنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلماسلىق لازىم. ئاياللار بۇرۇنقى ئىشىنى تەگەشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما كەيپىياتىڭىزنىڭ ئەقلىڭىزنى كونترول قىلىۋېلىشىغا يول قويماڭ، كىشىگە ئازار بېرىدىغان سۆزلەرنى ئازراق قىلىڭ. بۇنداق سۆزلەر ئېغىزدىن ئاسان چىققىنى بىلەن، ئاقىۋىتىنى يىغىشتۇرماق تەس. ئىككىنچى: كەيپىياتنى كونترول قىلالماي قالايمىقان سۆزلەش. مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىشى ناھايىتى نورمال ئەھۋال، ھەممىمىز بۇنداق ئىشنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان، مۇھەببەتمۇ سۈركىلىشلەردىن خالىي بولالمايدۇ. ئەمما ئىككىلا تەرەپنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ناچار بولغان ۋاقىتتا، كەيپىياتنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلمەيدۇ، نېمە گەپ بولسا ئويلاشماي دەۋېرىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئازار يەيدىغانلىقىنى ئويلىشىپمۇ قويمايدۇ. ئاياللار ئادەتتە بەك ھېسسىياتچان بولىدۇ، ئۇلار ھەم بىر كەيپىيات ماشىنىسى، دائىم ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ يۈرۈيدۇ، ئاندىن بۇ گەپكە ئەرلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چېچىلىپ، ئىككىلا تەرەپ گەپ قىلغاندا قارشى تەرەپنى ئويلىمايدىغانلا بولىدۇ. (ئېغىرراق بولغاندا گەپكە پايلىمىغان ئەر ئايالىنى ئۇرۇۋېتىپ قالىدۇ). شۇڭا ئىككىيلەن قىزىرىشىپ قالغان ۋاقىتتا، ئاياللار ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى كونترول قىلىشى كېرەك، ئاۋۋال ئەرنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويۇشى، ياكى بولمىسا جېدەلنى توختىتىپ ئىككى تەرەپ سەل ئۆزىنى بېسىۋالغاندىن كىيىن، ئالدىرىماي پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى: جانغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ قارشى تەرەپكە ئازار بېرىش. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغان مۇھەببەتلىشىش، قارشى تەرەپنىڭ مۇشت كۆتۈرۈشى ئەمەس بەلكى، «تىل زوراۋانلىقى»دۇر. بۇ خىل زوراۋانلىق ئائىلە زوراۋانلىقىدىن قېلىشمايدۇ، كونىلار توغرا ئېيتقان «ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز جاننى ئالار». بىز دەۋاتقان «تىل زوراۋانلىقى» تىللاش، سېسىق گەپ قىلىش، زەربە بېرىدىغان، ئىچىدىن ئۇرۇۋېتىدىغان، زىتىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىش، كەمسىتىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان گەپلەرنى قەستەن كۆپەيتىش قاتارلىقلار، بۇ سۆزلەرنى ئېرىڭىزلا ئەمەس باشقىلارمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ، ئەگەر بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ئېرىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويسىڭىز ھېلىغۇ ئاجرىشىش ۋە ئايرىلىشكەن ھەتتا مەڭگۈلۈك رەقىبلەرگە ئايلىنىپ، ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا ئاياللار سۆز قىلغان جەرياندا يۇقىرىقى ئۈچ سەۋەنلىكىنى قەتئىي سادىر قىلماسلىقى كېرەك. بولمىسا ھامان بىر كۈنى ئەرلەر تەرىپىدىن تاشلىنىپ قالىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولىۋاتقان يەتتە ئامىل

چا ماي 2 , 2018
ئەر-ئايال ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىغا ئوخشايدۇ، مۇقىم تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بىللە مېڭىشى كېرەك، نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئۆز-ئارا يول قويۇش، كەچۈرۈش، توغرا چۈشىنىش بولغاندىلا بەختلىك ئۆتكىلى بولىدۇ.

You May Like