ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز سەنۇبەر تۇرسۇن ئۇيغۇرچە «سالام ئەلەيكۇم» ناخشىسىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىگە سۇنغان. تورداشلار ئەيىپلىمەكتە. يېقىندا تارقالغان ۋىدىئودا كۆرسىتىلىشىچە، داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ساپ ئۇيغۇرچە مېلودىيە، ئۇيغۇرچە تېكست بىلەن ئورۇنلاشقان ناخشىسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتايچە قوشۇپ ئوقۇغان. تورداشلار ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىنى ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىنى ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن […]

تېلگىراف گېزىتى 2025-يىلى 8- ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتىشقامەجبۇرلاش ئۈچۈن مەخپىي پاسپورت پىلانى تۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلاندى. قايتىپ كەلگەنلەر تۇتۇلۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.🚩 بۇ ئالدامچىلىق قانداق ئىشلەيدۇ؟خىتاينىڭ دىپلوماتىك ئورگانلىرى چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا يېڭى پاسپورت بېرىدۇ، لېكىن قەستەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى خاتا بېسىپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن […]

Kmart فېدېرال مەھكىمىدە قانۇنىي دەۋاغا دۇچ كەلدى. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بۇ چوڭ ساتقۇچىنىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىنى شەرقى تۈركستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلاردىن كەلتۈرۈۋاتقانلىقىغا ئاساسلىق سەۋەبلەر بارلىقىنى ئېيتتى. Kmart بۇ گۇماننىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ ئاياللار جەمئىيىتى (AUTWA) نىڭ ۋەكىلى رامىلە چانىشېف Kmart تىن ھۆججەتلەرنى تەلەپ قىلىپ، بۇ […]

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دىئاسپورا ئۇيغۇرلىرى، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بەش يىلدىن بېرى سۆزلىشىش، تەكرار-تەكرار سۈيلەش، ھەرخىل ئاخبارات ۋە لوببىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئۈچۈن، ئاخىرى پارىژ شەھرىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى 17 ۋە 18-رايون ئارىسىغا جايلاشقان ئاۋات ئەمما تىنچ مەھەللىدىكى بىر بىنانىڭ ئىككى قەۋىتىدىن ئورۇن ئالدۇق. ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ بىر بىنا سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادىمىز بولمىغىنى، […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز، 4-ئاۋغۇست 2-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇرئاگنىتلىقى-ئۇيغۇر تايمىز  بىرلىكتە رۇشەن ئابباسنىڭ يېڭى كىتابى  «يېمىرىلمەس-بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەشلىرى» نىڭ تارقىتىلىشى  ۋە كىتاب سۆھبەت يىغىنىنى ۋىرجىنىيە شىتاتى فېيرفاكىستىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۆتكۈزدى.  بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر رەھبەرلىرى، زىيالىيلىرى ۋە جامائەت ئەزالىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتكە […]

مۇھاپىزەتچى خەۋىرى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەرجىمىسى، 4-ئاۋغۇست بىرىتانىيەدىكى خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار  ۋە ئوقۇغۇچىلىرى مالىيە مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاراكەندىچىلىك، كۆزىتىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى نازارەت بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ بىر ئاشكارا بولۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇنېۋىرستىتىلاردىكى ئاشكارا بولۇش ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسدە ئاشكارىلانغان. UK-China Transparency تەشكىلاتىنىڭ بايقاشلىرى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى تۈزۈمى […]

ئۇيغۇر ئاگنىتلىقى، 4-ئاۋغۇست تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان 2-ئاۋغۇست كۈنى ۋاشنگىتون شەھىرىگە جايلاشقان  ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېغىن  زالىدا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، جازالاش قانۇن لايىھەسى»ناملىق قانۇن لايىھەسنى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئىچىلدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسنى دان سۇلىۋان دان سۇلىۋان ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىس سىمىس تونۇشتۇرغان بولۇپ، يېغىنغا […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-ئاۋغۇست ئامېرىكا ئاتلانتىك كېڭىشى تەتقىقات مەركىزى تور بېكىتىدە، ئۇيغۇر قىزى نازىمە تۇرسۇن ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ ماقالىسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كۆلىمى، چېگرىلىق ساھەلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قايتۇرغان ئىنكاسى ۋە تەدبىرلىرى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە […]

ئابدۇۋەلى ئايۇپ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان مىللەت كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىدۇ؟ ئۇيغۇر زىيالىلار كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ؟ قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ يوقالمىغان، ئەكسىنچە ئورنىدىن دەس تۇرغان يەھۇدىلار كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلغان؟ ئالدى بىلەن ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان يەھۇدىلارنىڭ كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىدىن باشلايلى. بۈگۈنكى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋ ئەسلى تارىختا بولغان شەھەر ئەمەس. يەھۇدىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى […]

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان بۈگۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى – خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرلاپ، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ داۋاملىق ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە دۇنياغا خوجايىن بولۇشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاساس يارىتىدىغان دۇنياۋىي قورالى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەيدىغان قانۇنلار ماقۇللاندى ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، چەتئەلنىڭ ئالاقىدار مىڭلىغان شىركەتلىرى ئېغىر جازاغا ئۇچرىدى. […]

ئاتنى مىنىپ ئال ، مىلتىقنى ئېتىپ (ئال)ئاتنى ساتساڭ يۈگەننى قالدۇر .ئاتىسىغا يول قويغان سودگەەر پايدا تاپالماس   .ئارپا خاماندا پۇل ، كۈمۈش كاندا  (پۇل)ئات ئالساڭ مىنىپ كور ، چىنە ئالساڭ چىكىپ (كور ).ئاتنىڭ يورغىسىنى ئال ، كىيىمنىڭ يارشىغىنى (ئال)ئالسا بازارى چىقتى ، ئالمىسا سازايى( چىقتى)ئال دىگەن مالدا پايدا بار .ئالدىڭ پۇتتى ، […]

ھەبىبۇللا ئىزچى يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ 11-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن« كۆك تاشلىق ئارخىپ »ناملىق كىتابىمدىن  2014 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، خىتاي ھۈكۈمىتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كەڭ- كۆلەملىك قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. بۇ قىرغىنچىلقتا قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان خەلقنى،ئىشغالچى خىتاي ھۈكۈمىتى تىك ئۇچار، برونۋېك، تانكىلار بىلەن قورشاپ ھاۋادىن […]

تۇغلۇق روزىنىڭ تەرجىمھالى ھەققىدە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر شائىرى ۋە ئاتاقلىق ژورنالىست خوجىجان ھاكىموپ مۇنداق يازىدۇ؛« تۇغلۇق روزى– 1964-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدە توغۇلغان، سەنئەتكار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن تۇغلۇق روزى كىچىكىدىن سەنئەتكە ھېرىسمەن بولۇپ، 1980-يىلى ئۈرۈمچىدە سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇغان، مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن 1987-يىلى ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ چىقىپ تاشكەنت شەھرىگە يەرلەشكەن ۋە شۇ يىلى ئۆزبېكىستان رادىيوسى تارمىقىدىكى ئۇيغۇر […]

نەجمىدىن قارلۇق 1990-يىلى دىكابىر ئايلىرى بولسا كېرەك، مېنىڭ ئاقسۇ چاغراق تۈرمىسىدىكى (ئۇ چاغلاردا ئاقسۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنى ياكى ئاقسۇ لوجوسو دىيىلەتتى ) چاغلىرىم ئىدى. چاغراقتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى بولغان 2-ئەترەت ئەزالىرى قاتارىدا سىرتتىن بىڭتۇەننىڭ قىزىلچا ئېتىزىدا قىزىلچا كولاپ قايتىپ تۇرساق، سېپىل ئىچىدىكى يېڭى كەلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بىرىنچى ئەترەت قوراسى […]

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇر يېقىندا مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئايرىلغىلى 8 يىل بولغان ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن تۈرلۈك مەزمۇندىكى مىڭلىغان نۇرغۇن ۋىدېئولارنى كۆردۈم. بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلدىم: بىرىنچى: بايراقدار ئۇيغۇرلار يوق! خىتايغا قارشى مەيدانى كەسكىن بولغان بايراقدار ئۇيغۇرلار ئىنتېرنېتتا قەتئىي يوق. (يوقىتىلغان ياكى ئۇنداق مەزمۇن يول قويۇلمايدۇ) **ئىككىنچى:** مەزمۇن ئىشلەشتە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار […]

يېقىندا ۋەتىنىمىزنى زىيارەت قىلغان تۈرك ساياھەتچىسى تاھا ئەرەلنىڭ كۆرگەنلىرىنى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (ئۇيغۇر تايمىز) ئىنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە، تۈركچە، گېرمانچە خەۋەر قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جىددىي تەسىر قوزغىدى. بىز بۈگۈن تاھادىن ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى ئىنگىلىزچە سۆزلەپ ۋىدىئو ئىشلەشنى تەلەپ قىلغانىدۇق، ئۇ تەلىۋىمىزگە ئاساسەن بۇنى ئىشلەپ بەردى. مانا كۆپچىلىك، خىتاينىڭ خەلقئارا پروپاگاندىلىرىنى رەت قىلىش ئۈچۈن يەنە […]

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 25-ئىيۇل ئاداس ئىسرائىل يەھۇدىي تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئۆتكۈزىدىغان ئايلىق نامايىشى داۋام قىلماقتا. ۋاقتى: 2025-يىلى 25-ئىيۇل، ئورنى: خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە لاگېر شاھىتلىرى قوشۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى نامايىشتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئەزالىرىدىن ئۆمەر قانات ۋە لوئىسا قاتارلىقلار […]

، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 25-ئېيۇل خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر-خىتاي ئارىلاشما نىكاھ توغرىسىدىكى مەزكۇر ۋىدېئو – ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەلقئارا قاناللىرى ئارقىلىق – ئۇيغۇر تايمىز ئىنگلىزچە، تۈركچە، گېرمانچە، خىتايچە تىل قاناللىرىدا – تارقالغاندىن كېيىن يۈز مىڭدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتىكى يەنە بىر قورالى بولغان مەجبۇرىي ئارىلاشما نىكاھ ۋاستىسىنىڭ قەبىھلىكى […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 24-ئېيۇل ئامېرىكا دۆلەت ئ‍شلىرى منسترلىكىنىڭ باياناتچىسى تامى برۇس 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىشنى ئۈچىنچى قېتىم جاكارلىشى. برۇس ئېلان قىلغان بىر پارچە باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىشىدىكى سەۋەب مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت […]

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان (ئەسلى ماقالە ئىنگىلىزچە يېزىلىپ، ئ‍ۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان) يېقىندا ۋەتەننى زىيارەت قىلغان تاھا ياسىن ئەرەل سۈرەتكە ئالغان مەسجىد ئىچى ۋىدىئوسدا، جۈمە نامىزىدا ئىمام خۇتبە ئورنىغا تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇغان،پۈتۈن خۇتبە ئىچىدە، بىر جۈملە ئۇيغۇرچە سۆز يوق، خۇتبە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم دىگەندەك ھىچقانداق ئ‍سلامى سۆزلەر بىلەن ئەمەس،«شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم […]