ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 3-فېۋرال ختاي ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىسى بولغان تەڭرىتاغ تورىينىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئاتالمىش شىنجاڭ ساياھەت ۋە مەدەنىيەت يېغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاندا 2023-يىلى جەمئى 5600 مەيدان تىجارەت خاراكتېرلىك كۆڭۈل ئ‍ئېچىش خاراكتېرلىك ئويۇن ، ۋاە 120 مەيدان سياسىي خاراكتېرلىك تىياتىر، مۇزىكا ۋە كونسېرت كېچىلىكى بار ئىكەن.بۇ ئويۇنلار ئىچىدە، […]

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،2-فېۋرال ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى ئومۇمى يېغىندا ختاي ئۆزىگە ئېتتپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىغا ئىشكنى ئاچقان بولۇپ، ئۇلارنى تەشۋىقاتقا ئ‍شلەتكەن. خىتاي خەلق تورى ۋە شنخۇۋا ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەيزۇللا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېچىۋىتىلگەن ۋە ئۆزىگە ئ‍شىنىدىغان روھىنى نامايان قىلغان. […]

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-فېۋرال نۆۋەتتە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزى ئۈرۈمچىدە، ختاينىڭ ئاتالمىش مەشھۇر ئىككى ئومۇمى يېغىنى -خەلق قۇرۇلتىي ۋە سياسى كېڭەش يېغىنى ئىچىلىۋاتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ختاي ھۆكۈمىتى غايەت زور تەشۋىقات كۈچىنى ئ‍شقا سىلىپ، ختاي ئىچى ۋە سرتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر بىرىش، سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. […]

تەييارلىغۇچى: تۇرسۇنئاي، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 1941-يىلى سابىق ئامېرىكا پىرەزدىنتى فرانكلىن روزىۋىلىت تەسس قىلغان تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى ئۇنىڭ نامىدا قۇرۇلغان «روزىلۋىت فوندى» ئارقىلىق ھەر يىلى دۇنيا بويلاپ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە كۆرەش قىلغان تۆھپىكارلارغا تۆت ساھە بويىچە «سۆز ئەركىنلىكى»، «ئېتىقات ئەركىنلىكى»، «مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇش» ۋە «تەھدىتتىن قۇتۇلۇش»مۇكاپاتلىرىنى تارقېتىدۇ. بۇ يىلى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى»مۇكاپاتى […]

ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-فېۋرال ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فايىر فاكىسقا جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە، ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى پاناھلىق ئىلتىماس ئ‍شلىرىدا ئادوۋكاتلىق خىزمىتى قىلىپ كەلگەن ئىككى داڭلىق ئادوۋكات بىرايىن ۋە دانيال بىلەن كۆچمەنلىك ئ‍شلىرى، سياسى پاناھلىق ئىلتىماسى جەريانى ۋە تەرتىپلىرى، ئىلتىماس قوبۇل قىلىنىشنىڭ كۈچلۈك ئاساسلىرى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلغان. […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-يانۋار ختاي -ئاتالمىش شنجاڭنى يەر شارىلاشقان شەكىلدە دۇنياغا تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئۇسۇللارنى ئ‍شقا سالماقتا، ساياھەت ۋە سودا بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىىم تاكىتىكلاردىن بىرى ھسابلىنىدۇ. ختاي دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرىشچە،  قەشقەردىن پاكىستان ئىسلامئابادقا ئۇچىدىغان خەلقئارا يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراسىمى قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ […]

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-يانۋار ئافغانستانغا ھۆكۆمرانلىق قىلىۋاتقان تالبان ھۆكۈمىتىنىڭ ختايغا ئەۋەتكەن باش ئەلچىسى بىلال كەرىمى ( Bilal Karimi) ختاي ھۆكۈمرانى شى جىن پىڭغا دىپلوماتىك خەت تاپشۇرۇپ، رەسمى دىپلوماتىك ئېتىراپنامىغا ئېرىشكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى.ختاي ھۆكۈمىتى ھەتتا روسيە،ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان تالىباننى تۇنجى بولۇپ ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى.ئۆزگىچە يېرى شۇكى، تالىبان […]

سانائەت ۋە پەن-تېخنىكىدا ئۆزىنى قۇرىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرى ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ماشنسدازلىق ساھەسىدە ختايغا ئىغىر دەرىجىدە تايانماقتا، مۇتەخەسسلەرنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ خىل تايىنىش خىلى ئۇزۇن داۋام قىلىدىكەن ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» قورغاستا موتسىكلىتنى زاۋۇتتىن چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا […]

ئامېرىكا خەلقى شۇنى بىلىشى كىرەككى، ختاينىڭ ئامېرىكىغا كۆرستىۋاتقان دۈشمەنلىكى -ئىككى پارتىيەنىڭ سياسى توقۇنۇش مەسلىسى ئەمەس، تەرەپ تۇتىدىغان مەسلە ئەمەس، ئۇ پۈتۈنلەي يادرولۇق مەسلە.مەن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ئ‍شلار سياسىتنى تەنقىد قىلىپ كەلدىم. بىراق بايدىن ھۆكۈمىتىنڭ ختايغا تاقابىل تۇرۇشتا داۋاملاشتۇرىۋاتقان سياسىتىنى مەن قوللىدىم ۋە زوقلاندىم، مەن ھەمىشە ئ‍شنىمەنكى، بىز ختايغا قارشى تېخىمۇ […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-يانۋار ئۇيغۇر رىژىسور مەمەتجان سەمەت تەرىپىدىن رىژىسورلۇق قىلىنغان، ئۇيغۇرلار رول ئالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «Waiting for the End»ناملىق فىلىم 10-فېۋرال ۋاشنگىتوندا قويۇلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر فىلىم چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ دادىسى لاگىرغا تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كىيىنكى تۇرمۇش، سالاھىيەت، خىزمەت، مۇھەببەت ۋە دادىسىنىڭ خەۋرىنى ئېلىش ۋە شۇنداقلا دادىسى ئۈچۈن […]

29-يانۋار ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسنىڭ سابىق ئادمىرالى، ناتو دىڭىز ئارمىيسى قوماندانى US Navy Adm. James Stavridis ئامېرىكىنىڭ سودا خەۋەردارى ناملىق خەۋەر ئ‍ورنىغا مۇنداق دىگەن: ئامېرىكا ختاي بىلەن دىڭىزدا ئۇرۇش قىلىشقا ھازىرلىنىش ئۈچۈن كۆپرەك ئۇرۇش كېمىسى ستىۋىلىشى كىرەك. بىزنىڭ سۈپىتىمىز ياخشى، ئەمما ختايدا 355 دانە دىڭىز ئۇرۇشى كېمىسى بار، بۇ بىزنىڭكىدىن كۆپ.» […]

29-يانۋار ئىران كونتىرۇللۇقىدىكى خوسيلار ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىئوردانىيەدىكى ھەربى بازىسغا ھۇجۇم قىلىپ ئۈچ ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كىين، ئامېرىكىدا ئىرانقا قارشى قايتۇرما زەربە بىرىش سادالىرى كۈچەيمەكتە. ئىران جۇمھۇرىيەتچى مۇھاپىزەت ئارمىيىسنىڭ ئادمىرالى ھەبىبۇللا سەييابى مۇنداق دىگەن: ئىران ئارمىيسى غەرپ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا ئەڭ ياخشى ھازىرلانغان.بىز دۆلىتىمىزنى قوغداشقا […]

«ختاي خەلقئارا جىنايى ئ‍شلار سوتىنىڭ جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى بۇيرۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» https://x.com/MFA_China/status/1751955164632854822?s=20

تەييارلىغۇچى: ئابدۇرەھىم پاراچ «شاپتۇل داموللا» نامى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «مۇناپىق» دەپ تونۇلغان ئابدۇغوپۇر داموللا _ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسى، شاپتۇل يېزىسىدىن بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە مەشھۇر بىر ئۆلىما ۋە دىنچى سۈپتىدە تونۇلغان بىر كىشىدۇ. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن. ئۇ شېڭشىسەي بىلەن بىرلىشىپ، خوجىنىياز ھاجىم ۋە […]

تاھىر ئىمىن ئ‍ۇيغۇرىئان ختاي ھۆكۈمىتى-بىر پارتىيىلىك دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت يۈرگۈزۈش كۈچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ھەر قانداق تۇيۇقسىز ۋەقە، ئاپەتنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئوبرازى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارايدۇ ۋە بار كۈچى بىلەن يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى يوشۇرىدۇ ياكى ساختا تەشۋىقات ئىلىپ بارىدۇ. ختاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر يۈرۈش ئاپەتكە […]

ختاي 2024-يىلىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى غايەت زور پىلان بىلەن باشلىدى.بۇنىڭ ئىچىدە ساختا ئۇچۇر، پىروپاگاندا ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە غەرپ دۆلەتلىرى ئەيىپلەپ كىلىۋاتقان «ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»نى ئىنكار قىلىش ۋە تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى مۇناسۋەتتە پۈتۈنلەي ئۇتۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. ختاي بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاستىلەرنى، بايلىق مەنبەلىرىنى، ئۇچۇر قاناللىرىنى ئ‍شلەتمەكتە. تەشۋىقات نۇقتسىدىن، ھەممە تىللاردا، جۈملىدىن […]

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 25-نويابىر فاير فاكس يەرلىك خەۋەرلىرى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئارلېڭتوندا ئېچىلغان بوستان رېستورانى كېڭىيىپ، ھېروندون (Herndon )غا تارماق دۇكان ئاچقان. مەزكۇر ئاشخانا ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئ‍ش باشلىغان بولۇپ، تاراتقۇلار ئۇنى ئەمدى بايقىغان. ھازىرقى ئادرېسى 1141 Elden Street دا بولۇپ، ئەتتىگەن سائەت 11 دىن كەچ سائەت 10غىچە خىزمەت […]

   شەۋكەت مىرزىيايېف-ئۆزبېكستان پىرەزدىنتى، ئۆزبەكستان قوراللىق كۈچلىرى (Armed Forces of Uzbekistan )نىڭ باش قوماندانى.ئۇ 2003-يىلدىن 2016-يېلغىچە باش ۋەزىر (باش منستىر )بولغان. شەۋكەت مىرزىيايېف، 66 ياش. 1957-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى جىزاقتا تۇغۇلغان. 1981-يىلى تاشكەنت يېزا ئىگىلىك-سۇچىلىق ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى ئىنۇستىتۇتىنىڭ ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، تېخنىكا ئىلمى بويىچە دوكتور كاندىداتى.  1981-يىلدىن 1990-يىلغىچە تاشكەنت يېزا […]

ختاي مەركىزى ھۆكۈمىتى -ختاي يەر تەرۋرەشنى نازارەت قىلىش تورى ئىلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئاقسۇ ۋېلايتى ئۈچتۇرپان ناھىيسدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ختاي 3-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتقان، يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەھۋالى ئىغىر بولۇپ، ئاتالمىش شنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى 4-ئ‍ەترىتى 41 قۇتقۇزۇش ماشنىسى، 191 ئادەم ،3 ئ‍اپشاركا ئەۋەتكەنلىكىنى، ئاتالمىش شنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش […]

ئەركىنجان، ئ‍ۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 22-يانۋار. 22-يانۋار ختاينىڭ ھەر قايسى ئ‍ۆلكىلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە چوڭ شركەتلىرى-ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، ئۆزبەكستاندىن كەلگەن سياسى ۋە ئېقتسادى ئ‍ەربابلار بىلەن كۆپ ساھەدە ھەمكارلىق مۇزاكىرە قىلدى ۋە توختام ئىمزالىدى. ختاي ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولغان ئۆزبەكستان بىلەن ئاخىر ئ‍ۆزىدىن ئايرىلالمايدىغان، ھەممە ساھەدە مەنپەئىتى […]