يەر شارى پوچتا گېزىتى: خىتاي مېڭ ۋەنجوۋ ماجراسى بىلەن دۇنياغا ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسەتتى

مېڭ ۋەنجوۋنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن باشلانغان كانادا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ماجرا كانادادا كۆپىنچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىنلا تەھلىل قىلىندى. بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق، چۈنكى بۇ مەسىلە دۆلەت ئىچىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

يەرشارى پوچتا گېزىتى باش ماقالىسى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 22-يانۋار

 ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئىليارۇق

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-29

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

مېڭ ۋەنجوۋنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن باشلانغان كانادا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى  ماجرا كانادادا كۆپىنچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىنلا تەھلىل قىلىندى. بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق، چۈنكى بۇ مەسىلە دۆلەت ئىچىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

ئەمما مېڭ ۋەنجوۋنىڭ ئۆتكەن يىلى دېكابېردا قولغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئىنكاسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىكى ئارزۇئارمانلىرى نۇقتىسىدىنمۇ چۈشىنىلىشى كېرەك. كۆپلىگەن نۇقتىلاردىن قارىغىنىمىزدا، بۇ مەسىلە پەقەتلا كانادانىڭ ۋە ياكى كاناداغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلا ئەمەس، بەلكى بۇ بېيجىڭنىڭ خەلقئارا تەرتىپنى ئۆز پايدىسىغا مايىل قىلىش نىيىتى مەسىلىسى.

خىتاينىڭ ئىككى كانادا پۇقراسىنى قولغا ئېلىشىنى قارار قىلىشى ۋە ئۇلارنى قىيىنقىستاقلىق ئېغىر شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇشى، ھەمدە خىتاي تۈرمىسىدە زەھەر ئەتكەسچىلىك قىلمىشى ئۈچۈن ئون بەش يىللىق تۈرمە جازاسى ئۆتەۋاتقان كانادا پۇقراسىنى خالىغانچە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىش ئۈچۈن قىلىنغان ۋە مۇشۇنداق دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

خىتاي باشقا دۆلەتلەرنى ئەگەر ئۆزىنى تېرىكتۈرسە بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما بىز تونۇپ يەتكەن ئىش بولسا باشقا. يەنى بۇ ئىش ئەگەر خىتاينىڭ كۈچى ۋە تەسىرى ئاشسا نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مايكول كوۋرىگ، مايكول سپاۋورنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە روبېرت سكەلېنبېرگنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىدىن  ئېلىنىدىغان دەرس ناھايىتى  ئاددىي ي2ەنى خىتايغا يول قويمىغان دۆلەتلەردىن ئۆچ ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ پۇقرالىرى قالايمىقان قولغا ئېلىنىدۇ ۋە خارلىنىدۇ.

بۇندىن كېيىن بېجىڭ بىلەن يامانلىشىپ قالغان بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى خىتايغا بېرىشنى پىلان قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خىتاي ئايروپورتىدا سوئالسوراققا دۇچ كېلىشى ياكى قولغا ئېلىنىپ چىراقلىرى ئۆچۈرۈلمەيدىغان بىر ئۆيدە ئالتە ئاي سوراق قىلىشى مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقالمايدۇ.

خىتاينىڭ ئاددىي كانادا پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلىرى خەلقئارا قائىدەيوسۇن ۋە قانۇنلارنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر. دۈشەنبە كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولغان  140 تىن ئارتۇق ئاكادېمىك ۋە سابىق دىپلوماتلار كوۋرىگ ۋە سپاۋور ئەپەندىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان بىر چاقىرىققا ئىمزا قويدى.

بۇ نۇقتىدا، بەزى كىشىلەر بۇنى پەقەت كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى تالاشتارتىش دەپ قارىسا، يەنە بەزى كىشىلەر بۇنى خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن غەرب دۇنياسى بىلەن ئورتاقلىق ئىزدەشنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىماقتا.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەسمىي ھالدا ››ناتوغرا غەرب ئىدىيەلىرى‹‹ نى چەكلىدى. مەسىلەن، ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپادا قىممەتقاراشلارنى بەلگىلەيدىغان قانۇننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە سوتنىڭ مۇستەقىل بولۇشى قاتارلىقلار.

ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدە. شۇنداقلا كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە ئەڭ چوڭى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۆزىنىڭ يەرشارىۋى تەسىرىنى ئاشۇرۇش شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن، خىتاي ئاسىيا، ئافرىقا ۋە جەنۇبى ئامېرىكىدىكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ھەدەپ مەبلەغ سالماقتا.

فېدىراتسىيە ئاقىللار ئامبىرى بولمىش كانادا سىياسەت ئۇپۇقلىرىنىڭ (Canada Policy Horizons) نىڭ بىر دوكلاتىغا كۆرە، خىتاي بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەر، بولۇپمۇ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا، خىتاينىڭ ئۆز كۈچىنى ئىشلىتىپ غەربلىك رىقابەتچىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سودا قائىدىلىرى ئورنىتىشى ئارقىلىق، بىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالى ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم سودا گەۋدىسى بولۇشتەك ئورنىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە بولمىش ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا ›› ناتوغرا غەرب ئىدىيەلىرى ‹‹ئارقىلىق رىقابەتچىلەرگە مەبلەغ سالغاندا ئادىل مۇھىت يارىتىپ بېرىدىغان ئەدلىيە سىستېمىسى ئىشلىتىدۇ، شۇنداقلا قانۇن ھۆكۈمرانلىقى ۋە سوتنىڭ مۇستەقىللىقى ئارقىلىق پۇقرالارنى ئۆز ھۆكۈمەتلىرىدىن قوغدايدۇ.

خىتايدا سودا قىلىدىغان غەرب شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇ دۆلەتنىڭ سوتىدا ئادىل مۇئامىلە قىلىنمايدىغانلىقىنى ھەمدە پەقەت كومپارتىيە بەلگىلىگەن شەرتلەر بويىچىلا سودا قىلالايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار خىتايدىن ئىبارەت غايەت زور بىر بازارغا كىرىش ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا يول قويغان.

خىتاينىڭ كوۋرىگ ۋە سپاۋور ئەپەندىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشى كومپارتىيەنىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن قائىدىلەردىن باشقا قائىدىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ياسالمىلىقىنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

خىتاي قاچان بىر رايوندا سودىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدىكەن، ئۇ رايوندىكى چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا بەلگىلىنىدىغان قائىدىلەر كانادا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەشەببۇس قىلىدىغان قائىدىلەرگە ئوخشىماي قالىدۇ. سودا ۋە باشقا ماجرالار قالايمىقان، مەسئۇلىيەتسىز، ۋە بېيجىڭغا مايىل بولغان ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

سودا ياكى باشقا ماجرالاردا ياكى كانادا مېڭ ۋەنجۇنى قولغا ئالغاندىن كېيىن يۈز بەرگەندەك، بېيجىڭ دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا كېلىشىملەرنىڭ ئۆز زىيىنىغا يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا دۆلەتلەر ھەتتا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سودا ۋە باشقا ماجرالاردا پىچكا قىلىنغانلىقىنى كۆرۈشى مۇمكىن.

مېڭ ۋەنجوۋ ماجراسى دۇنياغا خىتاينى باشقۇرىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ ھەقىقى يۈزىنى ئېچىپ بەردى. ئۇ ئەسلىدە باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ سېپىگە تارتىش ئۈچۈن تەھدىت سېلىش مەقسىتىدە قىلىنغان ئىدى. لېكىن ئەمدى ئەكس تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

  

مەنبە:

https://www.theglobeandmail.com/opinion/editorials/article-globe-editorial-with-meng-affair-china-shows-its-true-face-to-the/

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تەرجىمە: دىپلومات ژورنىلى: مالايسىيا بىلەن ھىندونوزىيە خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا تەييارلاندىمۇ؟

چا يانۋار 30 , 2019
نۆەتتە كىرىزىسنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن ئېنىق. ئۈچ مىلىيونغا يىقىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭدا ( شەرقىي تۈركىستان- ت) زور كۆلەملىك يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا قامالغان. بۇ 21- ئەسىردىكى ئەڭ دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى. ئۇيغۇر كوچىلىرىدا ئادەم يوق، ئوقۇغۇچىلار، مۇزىكانتلار، تەنتەربىيەچىلەر، تىنىچلىقپەرۋەر زىيالىيلار تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇلار ئەمگەككە مەجبۇرلۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن چىققان تاۋارلار ھەتتا ئامرىكىغا يىتىپ باردى.

You May Like