ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىپ، ئامېرىكا بىلەن قول تۇتۇشۇپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتاي خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. «يەرشارى ئۆزگىرىشى دۇچ كېلىۋاتقان ياۋروپا-ئامېرىكا يېڭى مەسىلىسى» تېمىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسىدە، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنى «ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان» بىرلىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر يېڭى يەرشارى ئىتتىپاقى قۇرۇپ چىقىپ، خىتاي شەكىللەندۈرگەن «ئىستراتېگىيىلىك خىرىس» قا تاقابىل تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

فرانسىيە رادىئوسى، 2020- يىلى 1- دېكابىر
تەرجىمىدە: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 5- دېكابىر

 

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتاي خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. «يەرشارى ئۆزگىرىشى دۇچ كېلىۋاتقان ياۋروپا-ئامېرىكا يېڭى مەسىلىسى» تېمىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسىدە، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنى «ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان» بىرلىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر يېڭى يەرشارى ئىتتىپاقى قۇرۇپ چىقىپ، خىتاي شەكىللەندۈرگەن «ئىستراتېگىيىلىك خىرىس» قا تاقابىل تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

 

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتى بۇ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتنى قايتا قۇرۇش تەكلىپ لايىھەسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىققان بولۇپ، ھەمكارلىق تۈرلىرى ئېلېكترونلۇق ئۆلچەملەرنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن تارتىپ، خىتاي ۋىرۇسى ۋە ئورمانلىقلارنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشقىچە بولغان ھەممە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يېزىپ چىققان بۇ تەكلىپ لايىھىسىدە، ئەگەر دېموكراتىك دۇنيا ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداپ، «ھاكىممۇتلەق كۈچ» ۋە «ئېچىۋىتىلگەن جەمئىيىتىمىزدىن پايدىلىنىپ، يېپىق ئىقتىسادىمىزغا ئېرىشىۋىلىش» قا تاقابىل تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇنداقتا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقى چوقۇم «قايتىدىن قۇرۇلۇشى ۋە داۋاملىشىشى» كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

بۇ 11 بەتلىك تەكلىپ لايىھىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنى ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىشكە چاقىرىق قىلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپا ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىغا تېخىمۇ كۆپ باج قويۇش تەلىپىنى داۋاملىق قويۇپ كەلگەن ئىدى.

 

تەكلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنى ئادەتتىكى قانۇن ئارقىلىق مونۇپۇللۇققا قارشى تۇرۇش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىر سېفىرلىق ئۆلچەم مۇھىتى قۇرۇپ چىقىشقا، چەتئەلنىڭ سەزگۈر مەبلەغلىرىنى كۆزىتىشكە، خايكېرلىق ھەرىكەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكلىپ لايىھىسى يەنە ئىككى تەرەپنى ھەمكارلىشىپ، خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە كەڭ تارقىتىشقا ھەمدە بىرلىكتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

 

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ تەكلىپ لايىھىسى بريۇسسېلغا جايلاشقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بولغان ئۈمىدۋار تەسەۋۋۇرىنى ھەمدە ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتنىڭ بۇ يىللاردىكى ئىختىلاپى بېيجىڭغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

 

بۇ تەكلىپ لايىھىسى 10-، 11- دېكابىردىكى كۆپ رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ھۆججەت ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنى 2021- يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا باشلىقلار يىغىنى ئېچىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ھەمكارلىق تېمىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا ج ك پ 14مۇئاۋىن رەئىسىگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

پە دېكابىر 10 , 2020
ئامېرىكا ئاۋازى (美国之音) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مېنىستىرى پومپىيو 10-نويابىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى .

You May Like