يالغان سۈرەتلەر، ساختا پاكىتلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش چاقىرىقى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا،

2019- يىل 17- يانۋار

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا،

ختتاي كومپارتىيەسنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلقىمىزگە قاراتقان ۋەھشيانە زۇلۇملىرى غەرپ تاراتقۇلىرى، ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ، دۇنياغا بىلدۇرۇلگەندىن كىين ختتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئورۇنلاردا قاتتىق تەنقىدگە دۇچ كەلمەكتە.

بۇ سەۋەپ ختتاي كومپارتىيەسى چەتئەللەردە ياشاپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئاۋاز بىرىۋاتقان كىشلەرنىڭ داۋاسنى ساختىغا چىقىرىش ئۇچۇن پۇتۇن كۇچى بىلەن ھىلە-مىكىر ئوينىماقتا.

يالغان رەسم، يالغان پاكىت ئويدۇرۇش -دەل ختتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئشەنچىلىك دەرىجىسنى يوققا چىقىرىشتا تاپقان بىر ھېلە-مىكىرسى بولۇپ، ختتاينىڭ تەشۋىقات ئويۇنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ ئويۇننىڭ جەريانى ئادەتتە مۇنداق :

 ››ختتاي ھۆكۈمىتى تور جاسوسلىرى ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان، ختتاي ساقچىلارغا ئوخشايدىغان، ۋەتىنىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ئوخشايدىغان رەسملەرنى ئىزدەپ تېپىپ ، ئورتاقلىشدۇ، رەسملەرنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى بىلمەيدىغان قىرىنداشلىرىمىز ئشنىپ تارقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ رەسملەر رەسمى تاراتقۇلار ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا پاكىت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىپ ئوتتۇرىغا تاشلىنىدۇ، ئاخىرىدا ختتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا چېقىپ، بۇ سۇرەتلەرنىڭ يالغانلىقىنى، ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق يالغان سۇرەتلەر ئارقىلىق ختتاي ھۆكۈمىتىنى قارىلىماقچى بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلىگەن كىشلەر، ھۆكۈمەت، تاراتقۇ، مۇتەخەسسلەر ئشەنچسز بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن نىرى تۇرىدۇ. ‹‹

بۇ ئەھۋاللار كۆپىنچە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئشەنچىلىك بولمىغان، تاراتقۇ قائىدىسگە تولۇق رىئايە قىلمايدىغان بىر قسم تاراتقۇلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئادەتتە غەرپ مىدياسغا رەسم تەمىنلىگەندە، ئۇلار رەسمنىڭ مەنبەسنى مۇستەقىل تەكشۇرۇپ، ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كىين ئاندىن ئىلاۋە بىلەن ئىلان قىلىدۇ، ئەمما ھاياجانغا بىرىلىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرى ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئىلان قىلىپ، ئۆزىمۇ ئشەنچنى يوقتىدىغان مساللار كۆپ بولماقتا. قىرغىن قىلىنىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى بىر پارچە يالغان رەسم بىلەن ئىنكار قىلىنسا، يىللاردىن بىرى كۆرەش قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ئەمگىكى بىزنىڭ بىخەستەلىكىمىز بىلەن بەربات بولسا، بۇ ئىنتايىن ئېچنىشلىق ئاقىۋەت بولىدۇ.

بىز بارلىق قىرىنداشلاردىن ھەر قانداق رەسمنى ئىلان قىلىش، ئورتاقلىششتىن بۇرۇن  ئۇنى تولۇق، ئەينەن ئېنقلاشنى سورايمىز. بىزگە يالغان بولمسمۇ راس پاكىتلار يتەرلىك.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

گېرمانىيە ئاۋازى: ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتى خۇا ۋېينىڭ ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلىشنى توختاتتى

جۈ يانۋار 18 , 2019
ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتى خىتاينىڭ تېلېگراف ماگناتى خۇا ۋېينىڭ ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلىشنى توختاتتى. خىتاي ھۆكىمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك، خۇا ۋېي ياۋروپادا بارغانسېرى كۆپ تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلمەكتە.

You May Like