1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، 17-قېتىملىق ختاي-ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىزمەت ئۇچرىشىشى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى، ختاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېت خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ياردەمچى مىنىستىرى بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان.
رويتىرىسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ختاي -ئامېرىكا مۇداپىئە منسترلىرىنىڭ قەرەللىك سۆھبەت يېغىنى ئامېرىكا ختاينىڭ جاسوسلۇق شارچسنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كىين، ختاينىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن توختاپ قالغان. ئامېرىكا تەرەپ دۇنيا ۋەزىيتى ئۇرۇش ۋە جىددىيچىلىككە پاتقان بىر ۋەزىيەتتە ختاي بىلەن تەيۋەن سەۋەبلىك ھەربى توقۇنۇش يۈز بىرشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ختاي بىلەن ئاكتىپىلىق بىلەن مۇناسۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېرشقان.
جوۋ بايدىن بىلەن شى جىن پىڭ سان فىرانسسكودا ئۇچراشقاندا، ھەربى دىپلوماتىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ختايغا زادى تەلەپ قويغانلىقى ھەققىدە تەپسلى خەۋەر بەرمەستىن، پەقەت «ئىككى تەرەپ ھەربى سۆھبەت لىنيەسىنى ساقلاپ قىلىشى كىرەك»دىگەننىلا تەكىتلىگەن.
ئەمما ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،« ختاي يېغىندا، ئۆزىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە قىلچە مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى، يول قويمايدىغانلىقىنى ، «ئامېرىكىنىڭ بىر ختاي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار ۋەدىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەننى قوراللاندۇرۇشنى توختىتىپ، تەيۋەننىڭ «مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكىنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى ئازايتىشقا، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىنى قوللاشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز، ھاۋا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ مەنبەسىنى تولۇق تونۇپ، بىرىنچى سەپتىكى قىسىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇبالىغىلەشتۈرۈپ كۆپتۈرۈشنى توختىتىشى كېرەك. ختاي تەرەپ يەنە ختاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە خەلقئارا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە كەسكىن مەيدانى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىنى شەرھلىگەن.»
يېغىنغا ئامېرىكا مۇداپىئە منستىرى ياكى ختاي مۇداپىئە منستىرى قاتناشمىغان.