خوتەن ۋىلايىتىدە يەسلى يېشىدىكى بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلمەكتە

2020- يىلى 4- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىمىزنىڭ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن تىك توك ۋە ئۈندىدارلاردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشى توغرىسىدا تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

تەييارلىغۇچى: مەريەم 

 

تەھرىرلىگۈچى: سەبىرە

 

2020- يىلى 4- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىمىزنىڭ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن تىك توك ۋە ئۈندىدارلاردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشى توغرىسىدا تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

 

تىكتوكتىن تارقالغان ۋىدىئودا بىر قىزنىڭ كىيىم – كېچەك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۆزىنىڭ تەييارلاپ ۋە ئېلىپ كۆز ياشلىرى ئىچىدە يولغا چىقىۋاتقان كۆرۈنۈشى بولۇپ، ۋىدىئو يوللىغۇچى ئالتە ياشلىق سىڭلىسىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئايرىلىپ ياتاقتا تۇرۇپ يەسلىدە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئىزاھلىغان. ۋىدېئو ئاستىدىكى ئىنكاسلار بۇ تۈزۈمنىڭ ئاساسلىقى يېزىلاردا يولغا قويۇلغانلىقى، ھەپتىدە بىر ئۆيگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. نۇرغۇن ئىنكاس قايتۇرغۇچىلار تېخى ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالمايدىغان بالىلارنىڭ ئۆيدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىغا ھەيران قالغان.

 

تىكتوكتىكى بۇ ۋىدىئو تارقالغاندىن كېيىنلا، بەزى ئۈندىدار توپلىرىنىڭ پاراڭلىشىش خاتىرىسى ھەمبەھىرلەنگەن بولۇپ، پاراڭلىشىش خاتىرىسىدىن، ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىلارنى ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن يەسلىگە ئاپىرىپ، شەنبە كۈنى كەچتە قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. پاراڭلىشىش جەريانىدا، بىر ئانا ئۆزىنىڭ يەسلىنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا بىر بالىسى، تۆۋەن يىللىقىدا بىر بالىسى بارلىقىنى، بالىلار كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى تۇرمۇش ھاجەتلىرىدىن چىقالمىغاچقا، ئىشتانلىرىغا تەرەت قىلىپ  قويغاندىن كېيىن،  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كېيىم- كىچەك ، قەغەز ۋە لۆڭگە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازغان. بۇ ئانا خوتەن قارىقاشتىن بولۇپ، كىچىك بالىسىنىڭ ھازىرغىچە ئۆزىدىن پەقەت ئايرىلىپ باقمىغانلىقىنى، يۈرىكىنىڭ تولىمۇ ئېچىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆز ھەسرىتى ۋە چارىسىزلىكىنى ئىپادىلىگەن.  پاراڭلىشىش خاتىرىسىدا يەنە، ئەگەر يەسلىدە يېتىپ ئوقۇشقا ئەۋەتمىسە، توختىماي سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى، بالىلارنىڭ تۆت-بەش ياش بولۇپ، خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قارايدىغانلىقى، بالىلارغا كۈندە لەغمەن بىلەن گۈرۈچ تامىقىلا بېرىلگەچكە، بالىلىرىنىڭ تاماقتىن زېرىكىپ يېگىلى ئۇنىمىغانلىقى ۋە چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئاساسەن دەرس ئۈستىلى ئۈستىدىلا ئۇخلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بۇنىڭغا ئوخشاش تۈزۈملىرى ئىلگىرى تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ تۈزۈمنىڭ يەسلىلەرگىچە ئەمەلىلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بالىلار ھەق ـ ھوقۇقى خىتاپنامىسىنىڭ 9- ماددىسىدا بالىلارنىڭ پەقەت ئاتا-ئانا تەرىپىدىن خورلانغان ياكى كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار قانۇن ۋە تەرتىپلىرى بويىچە ئاتا-ئانىدىن ئايرىۋىتىشكە بولىدىغانلىقى ، بۇنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق بىر سەۋەپ بىلەن بالىنى ئاتا-ئانىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

 

خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بالىلار ئۆسۈپ – يېتىلىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جەك شونكوف(Jack Shonkoff) : ـ بالىلارنى ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش ئۇلارغا بەك چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ.بۇ ئىلمىي نۇقتىدىنمۇ ل ۋە ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىنمۇ ئوخشاش قارىلىدۇ. بالىلار ئاتاـ ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەندە بېسىم ئىچىدە ياشاشقا باشلايدۇ. بېسىم بىلەن ياشىغان بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ قورقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلىمى تەرەققى قىلىدۇ. ئەمما ئۆگىنىش ۋە ئەستە ساقلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلىمىنىڭ تەرەققىياتى توختايدۇ. بۇ ئېغىرلاشقاندا چۈشكۈنلۈك ھەتتا يۈرەك كېسەللىكلىرىگە سەۋەبچى بولىدۇ دېدى. 

 

  تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق نارازى بولسىمۇ ناھايىتى چارىسىز ئىكەنلىكى ۋە بالىلارنىڭ تەن -سالامەتلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. 

 

 

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

ئاپامنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتىدىن كېيىن قايتا تۇغۇلدۇم

جۈ ئاپرېل 24 , 2020
بۈگۈن 2020.يىلى 4.ئاينىڭ 18.كۈنى . مەن ئۈچۈن ئۆمرۈم بويى قەلبىمدىن ئۆچمەيدىغان ئەڭ قاخشاتقۇچ مۇسىبەتلىك كۈن.

You May Like