خوڭكوڭدىكى 16 تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرىشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى !

خوڭكوڭدىكى 16 ئاممىۋى تەشكىلات ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى !

 خوڭكوڭدىكى 16 ئاممىۋى تەشكىلات ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان  ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى !

(香港16个团体抗议中国政府在新疆严酷打压维族 (维吾尔人

 

رەسىم مەنبەسى: ئامېركا ئاۋازى

 

ئەسلى خەۋەر ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئ‍ەسلى خەۋەر مەنبەسى: ئامېركا ئاۋازى (خىتايچە)

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

  خوڭكوڭدىكى 16 ئاممىۋى تەشكىلات يىغىلىپ ،ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت) دا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان بىر يۈرۈش ئىرقى ،مەدەنى قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى ! نامايىش يېغىلىشى ختتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكۇڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئشخانىسى «مەركەز ئالاقە ئشخانىسى» ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى ! بۇ تەشكىلاتلار :خوڭكوڭ پۇقرالار ۋەتەنپەرەرلىكنى قوللاش دىموكراتىيە ھەرىكىتى بىرلەشمىسى ،ئىجتىمائى دىموكراتىيە بىرلەشمىسى ،دىموكراتلار پارتىيسى ،ئشچىلار پارتيسى ،خوڭكوڭنى قۇتقۇزۇش بۈيۈك ئېتتپاقى ۋە خوڭكوڭدىكى بىر تۈركۈم دىنى جەمىيەتلەردىن :خوڭكوڭ كاتولىك ھەقىقىتى تىچلىق كومېتىتى ،خوڭكوڭغا كۆڭۈل بۆلگۈچى خىرىستئانلار ئىلمى جەمئىيتى ۋە خوڭكوڭ خىرىستئان مۇرتلىرى ئىلمى جەمئىيتى ،خوڭكوڭ خىرىستئان مۇرتلىرى ئىجتىمائى بىرلەشمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . نامايىش قىلغۇچىلار ئاۋال يېقىن ئەتراپتىكى غەربى رايون ساقچى مەھكىمىسى ئالدىدا يىغىلىپ ئاندىن يولبويى شۇئار توۋلاپ ،مەركەز ئالاقە ئشخانىسغا قاراپ ماڭدى .ساقچى تەرەپ نەقمەيداننىڭ تەرتىۋىنى ساقلاپ ،قاتناشنى تارقاقلاشتۇرۇپ ،پائالىيەتنى خاتىرىگە ئالدى .ئەمما پائالىيەتكە توسقۇنلۇق قىلمىدى . بىرلەشمە مۇئاۋىن رەئىسى سەي ياۋ چاڭ ،پۇقرالار پارتىيسى قانۇن چېقىرىش كومېتىتى پارلامىنىت ئەزاسى گوۋجىيالىن قاتارلىقلار ئىلگىرى كىين بولۇپ نۇتۇق سۆزلىدى .ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ تارقاتقان ئاخبارات ئورگىنالىدا ئىيتىلىشچە ،ئۆتكەن بىر يىلدا ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇشلىرى ئاستا -ئاستا ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان .مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار «قايتا تەربىيەلەش» لاگىرلىرىغا سولانغان. ئوتتۇرا ھساب بىلەن ھەر ئون ئۇيغۇر ئىچىدىن بىر ئۇيغۇر قامالغان ،دائىرىلەر يەنە چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشنى نازارەت قىلغان ۋە بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان ،ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە مەجبۇرى كىرىپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان ،ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىگەن ،پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىغا قايتشقا بۇيرۇلغان ،چەتئەلگە چېقىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان ،چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تۇققانلىرىغا تەھدىت سلىپ قايتىپ كىلىشكە مەجبۇرلىغان ،قايتىپ كەلگەن نۇرغۇنلار يۇقاپ كەتكەن ،ياغلىق ئارتىش ،ساقال قويۇش ،ناماز ئوقۇش قاتارلىقلار جىنايى ئۇنسۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ قارالغان ،مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش چەكلەنگەن . يىغىلىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ختتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلارنى دەرھال توختىتىشنى ،لاگىرلارنى تاقاشنى ،شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)غا تەكشۇرۇش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى ،مۇناسۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ جىنايى مەسئۇلىيتىنى سۇرۇشتۇرۇشنى ،شۇنداقلا خەلقئارا جەمىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا جىددى كۆڭۈل بۆلۈشكە ،ئۇيغۇلارنى ختتايغا قايتۇرۇپ بىرىشنى توختىتىشقا چاقىردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خەۋەردە دىېيلىشچە ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسانى ھوقۇق مۇتەخەسسلىرى پەيشەنبە كۈنى شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)دىكى «قايتا تەربىيەلەش» لاگىرلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان بولۇپ ،ختتاي ھۆكۈمىتىنى تىرورلۇق قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بىرىشكە چاقىرغان ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى كەمستىشنى يوقىتىش كومېتىتى مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ،شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)دا بىر مىلىيون ئەتراپىدا ئۇيغۇر مەجبۇرى قامالغان دەپ ئىيتتى. خوڭكوڭلۇق سياسى پائالىيەتچى ،سابىق قانۇن چېقىرىش كومىتىتى ئەزاسى لياڭگوشيۇڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا مۇنداق دىدى :خەلقئارا جەمىيەتنى شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)دا بولغان ئشلارنى تەكشۇرۇشكە رۇخسەت قىلىش شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت) مەسلىسنى ھەل قىلىشتىكى ئۇنۇملۇك ئۇسۇل ؛شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)دا ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى يۇرگۇزىلىۋاتقان زىيانكەشلىككە نسبەتەن ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتسەكلا بىلگىلى بولىدۇ ،باشقىلار شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت) ھەققىدە ھەر خىل سۆزلەپ يۇرسە ،ئۇنىڭدىن كۆرە سەن ئۇلارنى شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)غا بىرىپ ئەركىن زىيارەت قىلغىلى ،ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشكىلى قويساڭ بولمىدىمۇ ؟» لىياڭگوشيۇڭ يەنە مۇنداق دىدى :خوڭكۇڭ مۇخبىرلىرىنڭ شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)غا بىرىپ زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكى يوق ،ئۇنداقتا ،ھەقىقەتنى بىلگىلى بولمايدۇ دە .ئەگەر كومپارتىيەنىڭ دىگەنلىرى ھەقىقەتەن راست بولسا ،ئۇنداقتا خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنى شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)غا ئەركىن بىرىپ زىيارەت قىلغىلى قويۇشى كىرەك . يىغىلىشنىڭ ئاخىرىدا ،نامايشقا قاتناشقۇچى تەشكىلاتلار مەركەز ئالاقە ئشخانىسى ئالدىدىكى مىس تاختاي ئالدىغا بىرىپ ،نارازىلىق خەتلىرى ۋە نارازىلىق بەلگىلىرىنى ئۈستىگە قويدى .نەق مەيداندىكى ساقچىلار توسۇس ئۇچۇن قول ئشارىسى چىقاردى ،ئەمما نامايشىچىلار بىلەن سۈركىلىش يۈز بەرمىدى . خەۋەردە ئېىيتىلىشچە ،ختتاي شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)دا «قايتا تەربىيەلەش» لاگىرى تەسس قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ :شنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت) ھازىر ئسلام ئاشقۇنلىرى بىلەن بۆلگۇنچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئىغىر تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە ،ئۇلار ھۇجۇم پىلانلاپ ،ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي خەلقى ئارسىدا جىددى مۇناسۋەت پەيدا قىلماقتا ،دىگەن !   مەنبە: https://www.voachinese.com/a/news-hongkong-protest-china-xinjiang-20180902/4554564.html

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

46 نەپەر خىتاي ئۆكتىچى زاتلار تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرىشىنى ئاشكارا قوللاپ بايانات ئىلان قىلدى

سە سېنتەبىر 4 , 2018
31-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى 46 نەپەر ختتاي ئۆكتىچى زات ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتىنى ئەيىپلەپ بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىپ،ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسى زىيانكەشلىكىنى توختىتىشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭغا بېسم چۈشۈرۈشكە،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى رايونغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشكە چاقىردى.

You May Like