ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايىك پەنس خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك دېدى

ئىېھسان شۈكران 

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 4 فېۋرال

ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد تىرامىپ ھەقىقەت سوسيالى ( Truth Social) ئەپ دېتالىدىكى شەخسىي ھېسابىدا : «خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك» دېدى. سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايىك پەنس بۈگۈن ئۆزىنىڭ شەخسى تىۋىتىر ھېسابىدا تارقاتقان يازمىسىدا :« خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈڭ ،يولىڭىزنى داۋام قىلىڭ» دەپ يازدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى ئانتونىي بىلكىنغا خىتاب قىلىپ ،كېلەر ھەپتە خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنى داۋام قىلىشنى، زىيارەت جەريانىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ بۇنداق ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئېيتىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا خىتاب قىلدى. 

بۇ قېتىملىق جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدا پەيدا بولۇشى، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق قول بولمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىستانبۇلدا 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

يە فېۋرال 5 , 2023
ئىستانبۇلدا 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like