خىتاينىڭ دېموكىراتىيە يولىغا مېڭىشى مۈمكىنمۇ؟

قىلىدۇ.] بەلكىم يەنە بەزى خىتايدىن ئۈمۈد كۈتكەنلەر«خىتاي ئەگەر دېموكراتىيە يولىغا ماڭسىچۇ؟ ئەگەر كوممۇنىستىك پارتىيە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ توغرا يولغا ماڭسىچۇ؟ » دىيىشى مۈمكىن.

 

ئاپتورى: ئوكيان

تەھرىر: مەنزىل

  [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]   بەلكىم يەنە بەزى خىتايدىن ئۈمۈد كۈتكەنلەر«خىتاي ئەگەر دېموكراتىيە يولىغا ماڭسىچۇ؟ ئەگەر كوممۇنىستىك پارتىيە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ توغرا يولغا ماڭسىچۇ؟ » دىيىشى مۈمكىن. بۇنىڭغا جاۋاپ شۇكى بۇ ئېھتىماللىققا ئىشىنىش خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەن بىلەن باراۋەر. شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن خىتاي قەدەممۇ-قەدەم قاتماللاشتى، سىياسەت بارغانسېرى كەينىگە چېكىندى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتلەر «2-قېتىملىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكىدىكى خىتاي پىروفىسسورى خې چىڭ لىيەننىڭ 2003-يىلى ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى» [1] دېگەن ماقالىسى 15 يىل بۇرۇن يېزىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ گەرچە دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۈنۈم ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدە خىتاينىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ھازىرقى شى جىنپىڭنىڭ تۇتقان يولى بۇ ماقالىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ كەلگۈسىگە بولغان پەرەزلەردىكى زىددىيەتلەر، جەمىيەت ھاياتلىق ئاساسىنىڭ بۇزۇۋېتىلىشى،  خىتاي ھاكىمىيتى نېمىشقا سىياسىي «مۇقىملىقى»نى ساقلىيالايدۇ؟ نېمىشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قالمىدى؟  قاتارلىقلار بويىچە سۆزلەنگەن.   1- قىسمىدا خىتاينىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئىككى خىل كۆز قاراش بار، بىرى «گۈللىنىش قارىشى» بولۇپ، خىتاي داۋاملىق كۈچىيىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ دېگۈچىلەر. بۇ قاراشنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئاساسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن سانلىق ئۇچۇرلاردىن كەلگەن، ئەمما بۇ ئۇچۇرلار توغرىمۇ؟ تولۇقمۇ؟  بۇ ئۇچۇرلار خىتاي كومپارتىيسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئاشكارلانغان. ئاخبارات، ئۇچۇر قاتتىق كونتىرۇل قىلىنىدىغان خىتايدا بۇ ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپلا ھۆكۈم چىقىرىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. يەنە بىر قاراش بولسا « ۋەيران بولۇش قارىشى» يەنى خىتاي بارغانسېرى ئاجىزلاپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ، دەپ قارىغۇچىلار. ئەمما نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى بىر دۆلەتتە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇد بولسىمۇ، مەسىلەن: ئەمەلدارلار ناھايىتى پارىخور، باي-كەمبەغەللىك پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇش، ھوقۇقدار زالىم بولۇش، خەلق تۇرمۇشى جاپالىق بولۇش قاتارلىقلار، ئەمما ھاكىمىيەت مەلۇم نىسبەتتىكى مەبلەغ بىلەن ئىقتىساسلىقلار قوشۇنىنى قايىل قىلالىسىلا بۇ ئىقتىساسلىقلارغا تايىنىپ تۆمۈر قول سىياسىتى بىلەن باشقۇرسا، بۇ دۆلەتنىڭ ناھايىتى تېزلا ۋەيران بولۇپ كېتىشى ناتايىن. مەسىلەن قەدىمكى رىم ئېمپىرىيسى مۇشۇ خىل شەكلىدە 300 يىل ھۆكۈم سۈرگەن، يەنە يېقىنقى زاماندىكى سادام ھاكىمىيتى ئەگەر ئامېرىكا ئۇرۇش قوزغىمىغان بولسا، سادام ھاكىمىيتى تۆمۈر قول سىياسىتى بىلەن بەلكىم خېلى ئۇزۇنغا داۋاملىشىشى مۈمكىن ئىدى. دېمەك «گۈللىنىش قارىشى» ھەقىقەتكە بولغان خاتا قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، «ۋەيران بولۇش قارىشى» غەرب جەمىيتىنىڭ ئەلرايى بويىچە خىتاينى چۈشەنگەن، يەنى پۇقرالارنىڭ قوللىشى بولمىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولمايدۇ، دېگەن قاراش بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلغان. شۇڭا بۇ ئىككى خىل قاراشتەك خىتاي ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق گۈللىنىشى ياكى تېزلا ھالاك بولۇشى ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن بولمىسا كېرەك.   2- قىسىمدا جەمىيەت ھاياتلىق ئاساسىنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكى بولۇپ، بىر جەمىيەت مەۋجۇد بولۇشتىكى تۆت ئاساسلىق ئامىللار:

  1. ئېكولوگىيلىك مۇھىت — بۇ بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇد بولۇش ھالىتىنى بەلگىلەيدۇ؛
  2. جەمىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاق — بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىش ھەرىكىتىگە قارىتا قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
  3. جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ھايات كەچۈرۈشىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تۆۋەن چېكى — بۇنى «ئىشقا ئورۇنلىشىش»تىن ئىبارەت ھايات كەچۈرۈش ھوقۇقى ئارقىلىق ئۆلچىگىلى بولىدۇ.
  4. جەمىيەتنىڭ نورمال بولىشىنى قوغدايدىغان سىياسىي توپلاش كۈچى — بۇبولسا قانۇن ۋە تۈزۈلمە نۇقتىسىدىن جەمىيەت ئەزالىرىغا نىسبەتەن بىر خىل چەكلەش كۈچگە ئىگە.

  يۇقارقى تۆتىنچى نۇقتىنىڭ تۈزۈلمە بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ، ئەمما ئالدىنقى ئۈچى بولسا ئۇزاق مۇددەتلىك ھاياتلىق ئامىللىرى بولۇپ، ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇپ نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاپتور خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى نۇرغۇن مىساللارنى بەرگەن، مەسىلەن: بىرىنچىدىن، ئېكولوگىيلىك مۇھىتقا «سەنشىيا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى»نى مىسال قىلىپ، بۇ قۇرۇلۇشنى خىتاي ھۆكۈمىتى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېكىئ‍ولوگىيىنى دوغا تىكىش بەدىلىگە قىلغان، دېيىلگەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى كارىزلارنىڭ ۋە بەزى دەريالارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىمۇ مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ، خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلىقى ۋە چىرىكلىكىمۇ بايلىقلارغا بولغان بۇلاڭچىلىق خاراكتېرىدىكى ئېچىش ۋە ئېكولوگىيلىك مۇھىتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يامانلىشىشىنى تېزلىتىۋەتكەن؛ ئىككىنچىدىن، جەمىيەت ئەخلاقىغا كەلسەك، خىتاي تارىختىكى ئەخلاق جەھەتتىكى چوڭ بۇزۇلۇش ھالىتىدە تۇرماقتا. ئەمەلدارلارنىڭ قاتتىق چىرىكلىكى ۋە ئەخلاق سېستىمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بۇزۇلۇشى دۇنيادىكى ھەر قانداق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن ئېشىپ چۈشكەن. دېمەك خىتايدىكى سىياسىي ئىقتىساسلىقلار ئېتقادى بولۇشتىن ئېتقادسىزلىققا، ئېتقادسىزلىقتىن لۈكچەكلىككە ۋە ئاخىرىدا قارا جەمىيەتلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلغان. جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچنىڭ ئاجىزلىشىشى، پەقەت مەنپەئەت ئارقىلىق كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلاش، ئالدامچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ساختا ئىقتىسادى سانلىق ئۇچۇرلىرىنى بېرىش (ئىقتىسادىي ئىناۋەت) قاتارلىقلار؛ ئۈچىنچىدىن، مائارىپنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىش ئارقىلىق مەكتەپلەرگە كۆپلەپ ئوقۇغۇچى ئېلىش ۋە ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسمىنىڭ زور بولۇشى بۇنىڭ مىسالى؛ تۆتىنچىدىن، دېھقانچىلىق يەرلىرىنىڭ ئازىيىشى، دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى قىيىنلاشقانلىقى قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە خىتاي ئىقتسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ بىر ئامىلى ئېكىسپورت تىپىدىكى سودىغا تايانغان، يەنى خىتاينىڭ مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا بازاردا نىمىشقا تۆۋەن باھادا رىقابەتلىشەلەيدۇ ؟ چۈنكى كارخانىلار ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقارغانلىقىدىندۇر. گەرچە بۇ قىلمىش خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن. دېمەك «Made in China» دېگەن تامغا «ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى» دەپ ئاتالغان مىليونلىغان دېھقان ئىشچىلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ئۇرۇلغان.   3- قىسمىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى نىمىشقا مۇقىملىقنى ساقلىيالايدۇ؟» دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بەرگەن. گەرچە يۇقىردا دەپ ئۆتكەن جەمىيەت مۇقىملىقىنىڭ 4 چوڭ ئامىلى ئىچىدىكى ئۈچ ئامىل، يەنى ئېكىئ‍ولوگىيىلىك مۇھىت، جەمىيەت ئەخلاقى ۋە خەلقنىڭ زۆرۈر ياشاش شارائىتى قاتارلىقلار زور مەسىلە پەيدا قىلغان بولسىمۇ، خىتاي كومۇنىست پارتىيسى ھاكىمىتىنى يەنە نىمىشقا داۋاملاشتۇرالىدى؟ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي توپلاش كۈچىگە تايىنىپ، بىر قاتار سىياسىي زوراۋانلىق ئۇسۇللىرى بىلەن سىياسىي باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر قانداق تەشكىللىك كۈچنى بىخ ۋاقتىدىلا يوقىتىۋىتىشنى قوللانغان. بۇمۇ خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئىككى ئادەم بىر يەرگە كەلسە ئەنسىرىشىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك. بۇنداق ئۇسۇل ھازىرقى زمانىۋى سىياسىي مەدەنىيەتكە قارشى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەتنى داۋاملاشتۇرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ بىر قانچە مىساللىرى بار، مەسىلەن: 1-ھەر قانداق كىشى كومپارتىيەنىڭ كۆزىگە سىغمىسا، «دۆلەت مەخپىيتىنى ئاشكارلىدى»، «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇندى» دەيدىغان باھانىلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلاش؛ 2- مائارىپ ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارغا كومۇنىستىك ئىدىيسىنى سىڭدۈرۈش، يەنى مېڭە يۇيۇش. بۇنى «كۆك پاسپورت ئارزۇسى» دېگەن كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيسى ۋە ھەركىتىگە بولىدىغان تەسىرلىرىنى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ يازغان؛ 3- ئاخباراتنى قاتتىق كونتىرۇل قىلىش. ئاتالمىش « ئېنتىرنىت ئىگىلىك ھوقۇقى» دەپ خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئەركىن تورغا چىقىشىنى توسۇش؛ 4- بىلىم ئىگىلىرىگە «سېتىۋىلىش» ياكى «يوقىتىۋېتىش» سىياسىتى يۈرگۈزۈش، يەنى كۆزگە كۆرۈنگەن بىلىملىكلەرنى ھەر خىل ئاكادېمىك سالاھىيتى ۋە ئىقتىسادنى ۋاستە قىلىپ، ئۇلارنى تۈزۈلمە ئىچىگە ئەكىرىش، ئۇلارغا ھوقۇق بېرىش، ئەمما ئۆز يولىدا چىڭ تۇرغان، ماقالە ئېلان قىلىشتا ھۆكۈمەتنىڭ سىزغان سىزىقىدىن ھالقىپ كەتكەن بىلىملىكلەرنى قاتتىق جازالاش، بۇ ئارقىلىق كىشىىلەرنىڭ تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت روھىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلار. چەتئەل مەبلىغىنىڭ خىتايغا ئېقىپ كىرىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ خىتايغا بولغان سىياسىي بېسىمىنى ئاجىزلاتقان، يەنى غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرخىتاي بىلەن بولغان ئېدىئ‍ولوگىيە ۋە سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ زور پەرقىگە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدەك ئەھمىيەت بەرمىگەن، چۈنكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى شۇ دۆلەتتىكى سودا ساھاسىدىكىلەرنىڭ مەيدانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خەلقئارا كاپىتالنىڭ نەزىرىدە خىتاي بىر چوڭ مەبلەغ بازىرى، بىر مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە خىتاينىڭ سېتىۋىلىش كۈچىنى ھېسابلىساق، گەرچە خىتايدا ئەمەلىي سېتىۋىلىش كۈچى بار نوپۇس 300 مىليون بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سان تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئۈچۈن يېتەرلىك ئىدى، شۇڭا نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېدىئ‍ولوگىيە ۋە ئىنسان ھوقۇق ئەھۋاللىرىغا ئېتىبار بەرمىسىمۇ بولىدىغان دەرىجىگە كەلگەن. دېمەك بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە زور سوممىلىق سودا توختامى ئالدىدا خىتايغا باش ئەگكەن. بۇمۇ بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت تارىخىدا يوق زۇلۇملارغا ئۇچرىسىمۇ خەلقئارانىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك. خىتاي «دۇنيا سودا تەشكىلاتى»غا ئەزا بولغان ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمىيەت كەلگۈسىدىكى مۇنداق ئىككى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ خىتاينى قوللىغان: بىرى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دېمكوراتىيە يولىغا مېڭىشىگە تۈرتكە بولىدۇ؛ ئىككىنچى، يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇرنىڭ ئەركىن تارقىلىشى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئاخبارات قاماللىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. بۇ خىل قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا سۆزلىگەن مىساللار ئىسپاتلىدى، يەنى خىتاي خەلقئارا سودىغا خىلاپ ھالدا پايدا ئالدى ۋە ھاكىمىيتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئاساس سالدى، ئېنتىرنىتتا «تور سەددىچىن سېپىلى» قۇرۇپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق سەۋىيەدە كونتىرۇللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇنداق كونتىرۇل قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ھەر خىل جەمىيەت كىرزىسلىرى كەسكىنلىشىپ، خىتايدىكى زىددىيەتلەر كۈنسايىن ئېشىپ ماڭماقتا.   4- قىسم، نىمىشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قالمىدى؟ بۇ نۇقتا خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن دېمكوراتىيەگە ماڭمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرگەن: (1) خىتايلارنىڭ ئىدىيسىدىكى « مۇقەددەس پادىشاھ ھېسياتى»، يەنى ھۆكۈمران ئەخلاقىي كۈچىنىڭ تەسىرىدىن خەلق ئۈچۈن ئويلايدۇ دېگەن قاراش. بۇنى تارىختا « پارىخور ئەمەلدارغا قارشى تۇرۇش، پادىشاھقا قارشى تۇرماسلىق» ئەنئەنىسىگە باغلاشقا بولىدۇ. ئەلۋاتتە، فېئوداللىق دەۋرىدىكى پادىشاھ كومۇنىست دەۋرىگە كەلگەندە ماۋزىدۇڭ قاتارلىقلارغا ئۆزگەرگەن خالاس. بۇ خىل قاراش يەنە كومپارتىيەنىڭ مېڭە يۇيۇشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكى بار: رەھبەر چوقۇم قاتتىق قول بولۇشى، بۇ رەھبەرنىڭ كۈچلۈك ھوقۇقى دائىم تۈزۈلمىنىڭ مۇۋاپىق ھوقۇقىدىن ئۈستۈن كېلىشى، دۆلەتنىڭ راۋاجى ۋە زاۋاللىقى، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى مۇشۇ كۈچلۈك رەھبەرنىڭ شەخسىي ئىرادىسىدىن كېلىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك بۇ خىل قاراشنى شى جىنپىڭ تەخىتكە چىققاندىن بۇيان پۈتۈن ھوقۇقنى قولغا ئېلىپ، كۈچلۈك دىكتاتورغا ئايلىنىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. (2) «سىياسىي چېكىنىپ چىقىش مېخانىزىمى» ۋە ئىقتىساسلىقلار گورۇھى ھەرىكىتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىشىشى بۈگۈنكى كۈندە خىتايلار ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلىپ باشقا دۆلەتلەردە «بەخت ئىزدەش»كە ئەڭ ئىنتىلدىغان گۇرۇپپىغا ئايلاندى. سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن بۇ خىل كۆچمەن بولۇش پۇرسىتى خىتايدىكى پارىخور چىرىك ئەمەلدارلارغا «سىياسىي چېكىنىپ چىقىش مېخانىزىمى» تەمىنلەپ بەردى. بۇ يەردىكى «چېكىنىپ چىقىش» ئەمەلدارلارنىڭ خىتايدىكى سىياسىي سەھىنىدىن چېكىنىپ چىقىشنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە بار كۈچى بىلەن بايلىق توپلاش ۋە بۇ بايلىقلارنى ئائىلە ئەزالىرى ھەم ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن چەتئەلگە يۆتكەپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن خىتايدىكى سىياسىيونلار دۇنيادىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز ھۆكۈمران سىنىپقا ئايلانغان. دۇنيادا ھېچقانداق دۆلەتتە خىتايغا ئوخشاش ئىقتىساسلىقلار گورۇھىدىكىلەرنىڭ تۈركۈملەپ سىرتقا كۆچمەن بولۇشى ئەھۋالى يوق.   دېمەك بۇ خىل «سىياسىي چېكىنىپ چىقىش مېخانىزىمى»نىڭ مەۋجۇدلۇقى خىتايدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىقتىساسلىقلار گورۇھىدىكىلەرگە نىسبەتەن ھەر قانداق جەمىيەت كىرزىسى ۋە ئېغىر دەرىجىدە مۇھىتنىڭ ۋەيران بولۇشى قاتارلىقلارنى پۇقرالار بىلەن بىللە كۆتۈرىدىغان ئېھتىياجنى قالدۇرمىغان. شۇڭا ھاكىمىيەت گورۇھىدىكىلەر ئۈچۈن قىلىدىغان پەقەت بىرلا ئىش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ كۆز ئالدىدىكى جەمىيەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش، شۇنداقلا بۇ سىياسىي تۈزۈلمە بەرگەن ھوقۇق كاپىتالىنىڭ رولىنى ئەڭ زور چەكتە پايدىلىنىش. بۇ دەل ئىقتىساسلىقلار گورۇھى ھەرىكىتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ۋەتەندە ئاڭلايدىغان «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ»، «ئەبەدىي ئەمىنلىك» دېگەن شوئارلىرىنىڭ بىر سەۋەبى ئەمەلدارلارنىڭ دەل بۇ خىل مەقسىتى ئۈچۈن دەپ قارايمەن.   200 يىل بۇرۇن فىرانسىيە پادىشاھى لۇئى 14 مۇنداق سۆزنى قىلغان: « مەن ئۆلگەندىن كېيىن ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ مەيلى» ، بۈگۈنكى خىتايدىكى ئەمەلدارلار نەق مۇشۇ خىل ئىدىيەدە بولماقتا: «مەن خىتايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ مەيلى». دېمەك خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆزىنىڭ بىر قۇتۇلۇش يولىنىڭ بارلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، «سۇ كېمىنى ھەم كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇھەم ئۆرۈۋېتەلەيدۇ» دېگەن خىتاي تارىخىدىكى خەلق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئوتتۇرسىدىكى بۇ قاراشنىڭ ھېچقانداق ئەخلاقىي چەكلەش كۈچى بولمايدۇ. شۇڭا كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت ۋە ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا تەسىر يەتكۈزىدىغان سىياسىي جەھەتتىكى ھەر قانداق ئىسلاھاتنى تەبئىي ھالدا بىر چەتكە تاشلاپ قويىدۇ. زاغرا تىل بويىچە ئېيتقاندا، كومپارتىيە قورال ئارقىلىق ھاكىمىيەتكە ئېرىشكەن، ھازىر خىتايدا پۇقرالار ئەمەس، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كومۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ كومپارتىيەگە ئىشەنمەيدۇ. دېمەك ھازىر مۇقىملىقنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ قورال كۈچى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۋاتىدۇ، ئەگەر خىتايدا دېمكوراتىيىنى يولغا قويسا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ ھاكىمىيەت پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغىنى ئېنىق ھەقىقەت. بۇنداق بولغاندا ھازىرقى ئەمەلدارلار بۇ ھوقۇق ئارقىلىق زور بايلىققا ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەتىدىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ. بۇنىڭ مىسالى دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدار جوۋيۇڭكاڭنىڭ نەچچە مىليارد دوللارلىق خىيانىتى. بۇ ئەلۋەتتە جوۋيۇڭكاڭ ھوقۇقىدىن قېلىپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن ئاشكارىلاندى، ئەلۋەتتە بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بۇنداق چىرىك بولسا، كىم يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارنى ساپ دىيەلەيدۇ؟ شى جىنپىڭ جەمەتىمۇ نۇرغۇن بايلىققا خىيانەت قىلغان، بۇنى پاناما ھۆجىتىدىن كۆرۈڭ [2].   ئەلۋەتتە، دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىلىدۇ، بۇنى مەن بىرىنچى تېمىدا تىلغا ئالغان، ئەمما خىتاي دىكتاتور دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ھەرگىز ئاپتونومىيە بەرمەيدۇ، تەلەپ قىلغانلار قاتتىق جازالىنىدۇ، بۇمۇ يۇقىردا سۆزلەندى. شۇڭا خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ دېمكوراتىيەگە مېڭىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن نەپەس ئېلىشقا پۇرسىتى بولىدىغانلىقى رېئاللىقتىن بەك يىراق. شۇڭا خىتايدىن ئۈمۈد كۈتىدىغانلارغا بۇ بىر يېتەرلىك جاۋاب بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.   بۇ ھەقتە دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم 2013-يىلدىكى «خىتاينىڭ يېڭى ھاكىمىيتى ۋە سىياسىي ئىسلاھات »[3] دېگەن ماقالىسىدە، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدە 3خىل ئېتىماللىق بار:1 -يالغان ئاپتونومىيە؛ 2- خىتايغا خاس دېموكراتىيە؛ 3-غەربچە دېموكراتىيە »دەپ تىلغا ئالغان. خىتاي ھازىر دەل بىرىنچى يولغا داۋاملىق مېڭىۋاتىدۇ ۋە دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قاراشلىرى ئەمەلىيەتتە كۆرۈلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك كىرزىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى، مۇقىمسىزلىقنىڭ داۋاملىشىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك دەۋاسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى قاتارلىقلار.   كەلگۈسى ھەققىدە سۆزلەنگەندە، تارىخنى ۋە بۈگۈننى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بەزى پەرەزلەرنى قويۇشقا بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ بەزى قىياسلىرىمنى ئوتتۇرغا قويماقچى:   1- تارىختا خيتايلارنىڭ دۆلىتى باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۋېتىلگەن، مەسىلەن سۇڭ دەۋرىدىن كېيىن خىتايلارنى موڭغۇللار باشقۇرغان، كېيىن خىتايلار قۇرغان مىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ، مانجۇلار چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان. ھازىر خىتايلار ھوقۇقنى قايتا قولغا ئېلىپ ھۆكۈم سۈرىۋاتىدۇ.  دېمەك تارىختا نوپۇسى خىتايلاردىن ئاز بولغان مىللەتلەر خىتاينى باش ئەگدۈرگەن، بۇنداق ئەھۋال بۈگۈن مەۋجۇدمۇ؟ مەنچە بۇ ئەھۋال يەنە تەكرارلىنىشى مۈمكىن، يەنى خىتاينىڭ قوشنىسى شىمالىي كورىيە. تارىختا ماۋزىدۇڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن يادرو قورالىغا ئىگە بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرىغا خىتاي ياردەم بەرگەن، مەسىلەن يادرو خام ئەشيالار ۋە تېخنىكا قاتارلىقلارنى تەمىنلىگەن ھەم تەمىنلەۋاتىدۇ. چۈنكى ئېدىئولوگىيە جەھەتتىن خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيەنى بىر دېسەك بولىدۇ، شۇنداقلا خىتاي ئەينى ۋاقىتتا شىمالىي كورىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارشى مەيدانىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرىدىغان كوزىر قىلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىپ، يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئەمما بۈگۈن ئەھۋال ئۆزگىرىپ شىمالىي كورىيەدە خىتايغا قارشى كەيپىيات ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، چۈنكى خىتايمۇ ب د ت قارارىغا ئاساسەن شىمالىي كورىيەگە ئىقتىسادىي ئىمبارگۇ يۈرگۈزگەن. بۇندىن بۇرۇن شىمالىي كورىيە ئاخباراتىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ب د ت ئىمبارگۇ يۈرگۈزدى دېسە، ھازىر خىتاي ئىمبارگۇ يۈرگۈزدى، دەپ ئۆزگەرگەن. يەنە شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى «ياپۇنىيە بىزنىڭ يۈز يىللىق دۈشمىنىمىز، خىتاي بىزنىڭ مىڭ يىللىق دۈشمىنىمىز» دەيدىغان تەشۋىقاتنى ئېلىپ بارماقتا [4]   2- ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئاجىزلىشىش نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۈمكىن، مەسىلەن ئىشسىزلىق، مال باھاسى قىممەت بولۇش، ئۆي-مۈلۈكچىلىك ساھەسىدىكى كۆپۈك قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلىقنىڭ نارازلىقىنى كەلتۈرۈپ، زىددىيەتلەر كۈچىيىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئايلانما شەكىلدە بولۇپ، خىتاينىڭ ھەر ساھەسى ئاجىزلاپ مەلۇم چەككە يەتكەندە بولىدىغان رېئاللىق يەنىلا يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭغا پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا قالدى.   3-  مېنىڭچە يېقىن كەلگۈسىدە تىبەتتىمۇ زور توپىلاڭ چىقىش رېئاللىقى چوڭ، چۈنكى تىبەتلەرنىڭ دىنىي رەھبىرى دالاي لاما ئۆمرىنى سەرگەردانلىقتا ئۆتكۈزدى [5]، بۇ ئادەمنىڭ ھايات ۋاقتىدا تىبەتكە قايتىپ بېرىش مۈمكىنچىلىكى يوقنىڭ ئورنىدا. خىتايمۇ بۇ ئادەمنى بۆلگۈنچى دەپ ئۇنىڭ قايتىشىغا ھەرگىز پۇرسەت بەرمەيدۇ. ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى تىبەتلىكلەر دالاينى ھېلىھەم بىر «تىرىك ئەۋلىيا» كۆرىدۇ، ئەمما بۇ ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ چەتئەلدە ئاياقلىشىشى تىبەتلىكلەرنىڭ خىتايلارغا بولغان تېخىمۇ زور ئۆچمەنلىكىنى ۋە غەزىپىنى قوزغايدۇ، شۇنداقلا بۇ تېخمۇ كۆپ داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۈمكىن.   4- سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قوزغاش- خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى. تەيۋەننىڭ خىتايغا بولغان مۇھىملىقى يۇقىردا سۆزلىنىپ بولغان، شۇڭا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ كۈچىگە بەك ئىشەنسە، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىقنى ئۇرۇش ئارقىلىق باشقا تەرەپكە  يۆتكىمەكچى بولسا، بىرىنچىدىن تەيۋەن، ئىككىنچىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ھۇجۇم نىشانى بولۇشى مۈمكىن. خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا زور ئەسكەر يۆتكىشى پەقەت رايۇن مۇقىملىقى ئۈچۈنلا بولماسلىقى مۈمكىن، 1-چوڭ تېما 4-بۆلەكتىكى چوڭ خىتايچىلىق قىسمىدا دېيىلگەندەك خىتاي دەل مۇشۇ ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلىدۇ. بۇ ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيانىمۇ خىتاينىڭ كەلگۈسى پىلانى ئىچىدە دېيىشكە بولىدۇ.   ئەڭ ئاخېرىدا دەيدىغىنىم خىتايدىن يەنە ئۈمۈد كۈتۈپ، ياخشىلىق كۈتۈپ تۇرۇشنى شەخسەن مەن توغرا كۆرمىدىم. مەن خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىمەن. ئەگەر يۇقارقى بايانلىرىم سىزنى قايىل قىلالمىسا، بۇنىڭغىمۇ مەيلى، ھەممىنى ۋاقىت ئىسپاتلىسۇن. رەھمەت!   پايدىلانغان ماتېرياللار:

  1. http://heqinglian.net/2004/06/30/china-authoritarian-rule/
  2. https://www.economist.com/news/china/21696504-panama-papers-embarrass-chinas-leaders
  3. http://anayurtjurnili.net/?p=7349
  4. https://www.excite.co.jp/News/chn_soc/20180109/Recordchina_20180109009.html
  5. https://www.dalailama.com/the-dalai-lama/biography-and-daily-life/brief-biograph

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

تەرجىمە: خىتاي پۇل خەجلەپ ئافرىقا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋاتىدۇ

چا ئۆكتەبىر 3 , 2018
مەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بىر گېزىتىدە خىتاينىڭ زۇلۇمى توغرۇلۇق بىر ماقالە يازغانىدىم

You May Like