خىتاينىڭ ئاتالمىش« 20-قۇرۇلتىيى»زادى قانداق يىغىن؟

خىتاينىڭ ئاتالمىش« 20-قۇرۇلتىيى»زادى قانداق يىغىن؟

 خىتاينىڭ ئاتالمىش« 20-قۇرۇلتىيى»زادى قانداق يىغىن؟  

ئاسىيە ئۇيغۇر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 18-ئۆكتەبىر

16-ئۆكتەبىردىن بۇيان خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى خەلقئارادا قىزىق تېما بولۇپ قالدى. قۇرۇلتاي تېمىسىنىڭ بۇ يىل ئالاھىدە دىققەت قوزغىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قائىدىنى بۇزۇپ 3- نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش ئېھتىماللىقى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي يۆنىلىشى ئىدى.

 دەرۋەقە، يەر شارىلىشىش دولقۇنىدا خىتاينىڭ كۈچلىنىشى ۋە خەلقئارا بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشى، خىتايدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشكە خەلقئارانىڭ پايدا ۋە زىيىنىنىمۇ مۇستەھكەم باغلاپ قويغانىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، كۈنسېرى كۈچلىنىۋاتقان خىتاي، دۇنياۋى ئورتاق قىممەت قاراشلار ۋە دېموكراتىك تۈزۈلمىگە قارشى يۆنىلىشتە باش كۆتۈرگەن بولۇپ،  بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق قۇتۇپلىشىشقا يۈزلەندى.
 غەرب دۇنياسى خىتاينى دۇنياۋى خەۋپ دەپ قاراشتا ئاساسەن بىرلىككە كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى. خىتاينىڭ مەدەنىي دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدېئولوگىيەلىك خەۋپى تاشقى دۇنيادا كۆپ ھاللاردا شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى خىتاينىڭ سىياسىي يۆنىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسە دېگەن قاراشقا مايىلراق ئىدى. دېمىسىمۇ، شى جىنپىڭ تەختكە چىققان ئون يىلدىن بۇيان خىتايدىكى ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتى»پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقاندەك، شى جىنپىڭ گويا ماۋ زېدوڭ دەۋرىگە قايتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقاندەك تەسىر پەيدا قىلىپ قويغانىدى. ئەمما ھېچكىم خىتايدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇتلەق يوسۇندا شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنلا پەيدا بولغانلىقىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلالمايتتى. ھەتتا بىر قانچە كۈنلەر ئاۋۋال نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىگە بېسىلغان كېررىي بروۋىننىڭ «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان شى جىنپىڭ»ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق بىر قانچە ئىشنى مىسال قىلغان. يەنى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ 2009-يىلىدىكى بىر مەخپىي دوكلاتىدا شى جىنپىڭنىڭ بىر يېقىنىنىڭ ئەسلىمىسى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن:«شى جىنپىڭ تەقدىرگە نىسبەتەن ئۈمىد بىلەن قارايتتى. كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادىغا مەنسۇپ بولغان شى جىنپىڭ ئۆزىنى تۇغۇلۇشىدىنلا خىتاي كومپارتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقى بار دەپ قارايتتى. شۇڭا پۈتۈن دىققىتىنى مۇشۇ ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى». بۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر ماقالىدا يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە خىتاي خەلقىنى ئەگەشتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىل، ماركسىزم – لېنىنىزم ئىدىيەسى بولماستىن، بەلكى رادىكال مىللەتچىلىك تەشەببۇسى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۆزلىرىنى غەرب دۇنياسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇزۇن مەزگىل ئۇچرىغان دەپ قارايدىغان جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن، بۇ قېتىملىق كوۋىد ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى خىتاي دەپ ئاتىغان ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە بولغان نارازىلىقلار ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىپادىلىگەن پەخىرلىنىش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىمۇ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقىي تۇيغۇلاردۇر. يەنى، خىتاي كومپارتىيەسىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان ئادەتتىكى خىتايلارمۇ،  جۇڭگونى ئىنتايىن سۆيىدۇ. 
 
كېررىي بروۋىننىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي سىرتىدىكى نۇرغۇن خىتاي ئانالىزچىلار بۇ ماقالىگە قارىتا ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى ئىپادىلەپ ئوبزورلارنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىدىكى ئوخشاشلىق يەنىلا مەزكۇر ماقالىدىكى كۆز قاراشلارغا بولغان نارازىلىق ۋە خىتايدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ شى جىنپىڭ بىر قوللۇق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى دەلىللىمەكچى بولۇش ئىدى. ئۇ ھالدا قاراپ باقايلى، خىتايدىكى رادىكال ئۆزگىرىشلەر ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى راستتىنلا شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن يۈز بەرگەنمۇ؟ 

بۇ مەسىلىنى بىرەر ماقالە، ئوبزور بىلەن ئېنىق چۈشەندۈرۈش رېئاللىقىمىزغا ئانچە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە تەكىتلەۋاتقاندەك «خىتاينى چۈشىنىش ئۈچۈن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش كېرەك»دېگەن قائىدە بويىچە ئىزدىنىپ باقساق، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كونكرېت ئۇچۇرلارغا ئېرىشىمىز ئەلۋەتتە. بەلكىم، ئاتالمىش يىگىرمە قېتىم ئېچىلغان «قۇرۇلتاي» ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىش، بىزگە كۆپ مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن….ئۇ ھالدا 20-قۇرۇلتاي زادى قانداق يىغىن؟ بۇ يىغىننىڭ خىتاي سىياسىتىدە قانداق رولى بار؟  

1-    خىتاينىڭ «پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنى»ھەققىدە 

ئاتالمىش 20-قۇرۇلتاينىڭ تولۇق ئىسمى بولسا، «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنى»دۇر. بۇ قۇرۇلتايغا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. مەزكۇر يىغىن خىتاينىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىن ھېسابلىنىدۇ. «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى»بولسا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى،  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى «سايلاپ چىقىش» ۋە ئۆتكەن قېتىملىق مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى قارار قىلىش ۋە پارتىيە نىزامىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلاردۇر. 

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، مەزكۇر كومىتېت ئەزالىرى بولسا« مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى» ۋە «مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزالىرى»دىن تەركىب تاپىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئەزانى تىلغا ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ئەزا ياكى كاندىدات ئەزا ئىكەنلىكى ئېنىق قوشۇپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن،19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت كاندىدات ئەزاسى دېگەندەك. خىتاي مەركىزىي كومىتېتى بولسا، «مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى(يەنى، مەركەز ئومۇمىي يىغىنى)»ئېچىش ئۇسۇلىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ. ئادەتتە، «مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى» يېڭى بىر نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلغىچە بولغان ئارىلىقتا7تە قېتىم ئېچىلىدۇ.  بۇ يىغىننىڭ تولۇق ئاتىلىشى «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ * (مانچىنچى)نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى * (مانجىنچى)يىغىنى»دۇر. مەسىلەن، 2017-يىلى خىتاي ئاچقان 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنلا «مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى»ئېچىلغان.  خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىغىنلىرى مەلۇم تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مەسىلەن: 

1-نۆۋەتلىك «مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى»دا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئورگىنى ۋە رەھبەرلەر «سايلاپ»چىقىلىدۇ؛يەنى بۇ قېتىمقى 20-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى 1- ئومۇمىي يىغىن 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېچىلىدۇ. 

2-نۆۋەتلىك «مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى» ئادەتتە «ئىككى يىغىن (<مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى يىغىنى>ۋە <مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى>)»دىن ئاۋۋال ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى دۆلەت ئورگىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىك نامزاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ 

3-نۆۋەتلىك،4-نۆۋەتلىك،5-نۆۋەتلىك ۋە 6-نۆۋەتلىك «مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى»دا ئاتالمىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ۋە خىزمەتلىرى مۇنازىرە قىلىنىدۇ؛

7- نۆۋەتلىك «مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى»دا كېلەر نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى يىغىنى»نىڭ ئېچىلىش ۋاقتى بېكىتىلىپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەردىن ، شۇنداقلا مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركەز ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىن خۇلاسە چىقىرىدۇ. 

گەرچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى 1921-يىلى قۇرۇلغان ۋە يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا  بولسىمۇ، بۈگۈنگە قەدەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى يىغىنى ئەمدىلا 20قېتىم ئېچىلدى. يەنى، تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنى 1921-يىلى 21-ئىيۇلدا ئېچىلغاندىن كېيىن،1-نۆۋەتلىكتىن 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغىچە ھەر يىلدا بىر قېتىم، 7-، 8-، 9-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئارىلىقى 10يىلدىن ئارتۇق سوزۇلغان، 10-11-قۇرۇلتايلىرى بولسا مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىلغان.  ئاتالمىش 12-نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىدىن بۇيان ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىشقا باشلىغان. 

2. خىتاينىڭ مەملىكەتلىك پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى رولى 
خىتاينىڭ ئاتالمىش پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تور بېكىتىدە، «پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى يىغىنى» نىڭ ئەڭ مۇھىم رولىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل بولسا ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە ھوقۇقى ئىكەنلىكى ئېنىق يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان: 

1)پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بولسا، ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇپ، ئەڭ ئالىي قارار بېرىش ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگىدۇر؛

2)پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى، پارتىيەنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر. بۇ بەلگە پارتىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك قوش رولغا ۋە پارتىيە خىزمىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە؛ 

3)پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بولسا، پارتىيەنىڭ بۈيۈك پىلانلىرىنى، دۆلەت باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.  پارتىيە دۇچ كەلگەن چوڭ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. 

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بولسا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىدۇر. شۇنداق بولغىنى سەۋەبلىك مەزكۇر ئورگان خىتايدىكى ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ بارلىق ھالقىلىرىغا باغلىنىدۇ. يەنى، شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك خىتايدا  «كوممۇنىست پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ». 

بۇ ۋەجىدىن ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان مەزكۇر يىغىن، خىتاي دۆلىتىنىڭ كېيىنكى سىياسىي يۆنىلىشى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر يىغىن بولۇش سۈپىتىدە خىتاي ئىچىدىكى بارلىق خەلقلەرگە، شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئالاقىسى بولغان تاشقى دۇنيا ئۈچۈن مۇھىمدۇر. بۇ قېتىمقى ئاتالمىش« 20-قۇرۇلتاي»نىڭ خەلقئارادىكى قىزىق تېمىغا ئايلىنىشىمۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تارىخىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ قارارنىڭ ئېلىنىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ 3- قېتىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاساسەن مۇقىملاشقانلىقىنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى سىياسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. 

چۈنكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تارىخىدىكى ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق مۇھىم قارار خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە خىتايدىكى ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي يۈزلىنىشنى مەيدانغا كەلتۈرگەنىدى. يەنى، بىرىنچى قارار، 1943-يىلى خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى (ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال)تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدە تۈزۈپ چىقىلغان «خىتاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش»قارارى بولۇپ، مەزكۇر قارار ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان ئەڭ مۇھىم قاراردۇر. ئىككىنچى قېتىملىق قارار بولسا، دېڭ شاۋپىڭ رەھبەرلىكىدە 1981-يىلى چىقىرىلغان «سوققان چوتنى باشقىلارغا تۇيدۇرماسلىق، سوۋېت ئىتتىپاقى چۈشكەن تۇزاققا چۈشمەسلىك،تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش »ئىدى. مەزكۇر قارارنىڭ تۈرتكىسىدە، خىتاي دۆلىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك پارچىلىنىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدى. 2021-يىلى 11-ئايدا 19-نۆۋەتلىك خىتاي كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنىدا،«پارتىيەنىڭ يۈز يىللىق پارلاق تارىخىنى ئەستە ساقلاپ، تەجرىبىلەرنى يىغىنچاقلاپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان يېڭىچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، خىتاينىڭ بۈيۈك چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قارارى» تولۇق ئاۋاز بىلەن قوللاشقا ئېرىشىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچى ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ قارار دەپ تەرىپلەنگەنىدى. 

نۇرغۇن ئانالىزچىلار ، شى جىنپىڭ دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن پارتىيە تارىخىدىكى بۇ 3- چوڭ «تارىخىي قارار»نىڭ شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىتلىك يولىغا مېڭىشى ۋە دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئىسلاھات يولىدىن ۋاز كەچكەنلىكى دەپ تەبىرلىدى.

ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق، دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئىسلاھات سىياسىتى باشلانغاندىن كېيىنكى، ئاتالمىش خىتاينىڭ 11-نۆۋەتلىك 6- ئومۇمىي يىغىنىدا ئېلىنغان ئىككىنچى قېتىملىق مۇھىم قاراردىمۇ، ئوخشاشلا 1943-يىلىدىن كېيىن ماۋ زېدوڭنىڭ «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا مېڭىش» ئىدىيەسى بىلەن يۇغۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك تارىخىي قاراردىن يولىنى داۋام قىلغان.  يەنە تېخى دېڭ شاۋپىڭ ئاتالمىش«خىتايچە ئالاھىدىلىككە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولى»نىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش»يولى دەپ ئاتىغان. يەنى بۇ ئۈچ قەدەم بولسا، 1-قەدەم، «ئورنىدىن دەس تۇرۇش دەۋرى(ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى)»، 2-قەدەم «ئىقتىسادىي گۈللىنىش دەۋرى(دېڭ شاۋپىڭ رەھبەرلىكىدىكى)»، 3- قەدەم بولسا «قۇدرەت تېپىش، خىتاينىڭ 100يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دەۋرى»دىن ئىبارەتتۇر. 

بۇ ۋەجىدىن خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىممۇتلەقلىقىدىكى خىتايدا بۈگۈن ھاكىمىيەت بېشىغا شى جىنپىڭ چىقسۇن ياكى باشقا بىرى چىقسۇن، ئوخشاشلا «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يۈز يىللىق قۇدرەت تېپىش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانى»بويىچە ھەرىكەت قىلىشى مۇقەررەر.  بۇ ۋەجىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ياكى مەڭگۈلۈك تەخت ئىگىسى بولۇشى خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش، تىبەت، موڭغۇل، ھەتتا خىتاي دۆلىتىدىكى يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتلەرگە خاتىمە بېرىش مۇمكىن ئەمەس. پەقەت خىتاي كومپارتىيەسى خۇددى تارىختىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدەك پۈتۈنلەي يىمىرىلىپ تاشلانغاندىلا، ئاندىن ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى پۈتۈن خەلقلەر ۋە ھەتتا پۈتۈن دۇنيا  ئۈچۈن زۇلمەتنىڭ ئاخىرلىشىپ، يېڭى تاڭنىڭ ئېتىشىنى كۈتىدىغان مىنۇتلار يېتىپ مۇمكىن.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گېرمانىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاينى ئەڭ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت دەپ ئەسكەرتىش بەردى

چا ئۆكتەبىر 19 , 2022
گېرمانىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاينى ئەڭ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت دەپ ئەسكەرتىش بەردى

You May Like