خىتايدىن چەتئەل مېدىيالىرىغا :ئۇيغۇرلارغا باستۇرۇش سياسىتى داۋاملىشدۇ، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۋەتتى.

ختتاي كوممۇنستڭ پارتىيسنىڭ بىر ئەمەلدارى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى بىلەن ئۆتكۇزگەن سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارغاقاراتقان باستۇرۇش سياسىتىنى يېنىكلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۇرسۇنجان تۇراپ

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

ۋاشنگىتون، 23- دېكابىر

 

ختتاي كوممۇنستڭ پارتىيسنىڭ بىر ئەمەلدارى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى بىلەن ئۆتكۇزگەن سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارغاقاراتقان باستۇرۇش سياسىتىنى يېنىكلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

ختتاينىڭ ئاتالمىش شنجاڭدىكى كوممۇنستك پارتىيە تەشۋىقات بۆلۈمى مۇئاۋىن باشلىقى شۇ گۇڭ شىياڭ مۇنداق دىگەن:

 

«بىز بىر مىنۇتمۇ بوشاشمايمىز،چۈنكى تەھدىت داۋاملىق بار، پارتىيمىز ھازىرغىچە قوللانغان تەدبىرلەرنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ،شنجاڭدىكىمۇقىملىقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە باشقا تەدبىرلەر ھەققىدە ئىزدىنىدۇ ».

 

شۇ مۇخبىرلارنىڭ سياسەتنى يۇمشتىش ئىھتىماللىقى بار يوقلۇقى ھەققىدىكى سۇئاللارغا بىۋاستە جاۋاپ بەرمىگەن.ئەمما زۇلۇمنىڭ داۋامقىلىدىغانلىقىنى ئ‍شارەت قىلغان.ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن:ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەتلىرى-دۇشمەن كۇچلەرنىڭ خورىكىنى يوغىنتىۋاتىدۇ.تۆت يىلدىنبىرى زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى،ئەمما بۇ تەھدىت يوقالغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.

 

ئۇ مەجبۇرى ئەمگەك بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.ئۇ يەنە 2014-يىلدىن بىرى،117مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ختتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە ئ‍شقائەۋەتىلگەنلىكىنى ماختىدى.

 

ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن:» ئامېرىكا شنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئالمىسا مەيلى،ھىچكىم شنجاڭنى ئامېرىكا بازىرى بولمىسا ياشيالمايدۇ دەپئويلاپ قالمىسۇن».

 

ختتاي ئەمەلدارلىرى دۈشەنبە كۈنى »مەكتەپ پۈتتۈرگۇچىلەر»دىن ئىككى شەخسنى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۆرۈشتۈرۈپ،ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكائۆگەنگەنلىكىنى،غەرپنىڭ تەنقىدلىرى يالغان ئىكەنلىكىنى سۆزلەشكە مەجبۇرلىغان.

 

خىتتاي مۇناسۋەتلىك ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۇزگەندىن كىين،غەرپ تاراتقۇلىرىدىن بىلومبىرگ، بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى قاتارلىقتاراتقۇلار ختتاينىڭ زۇلۇمىنى تەنقىد قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ختتاي تارىم ئويمانلىقىدا 30 مىلىيون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك گاز بازىسى قۇردى

چا دېكابىر 23 , 2020
ختتاينىڭ ھۆكۈمەت تورى-خەلق تورى ئاشكارىلىشچە، شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇر تۇپرىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تارىم نېفىتلىكى بۇ يىل60 مىليون 100توننا سۇيۇق نېفىت، 30 مىليارد 159 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، نېفىت-گاز ئېكۋىۋالېنتى 30 مىليون31 مىڭ 200 توننىغا يەتتى. بۇ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ 30 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك-گازلىق ۋە 30 مىليارد كۇب مېتىرلىق چوڭ گازلىقرايونىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ،ختتاينىڭ نېفىت-گاز ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىز باسما رايونغا ئايلانغانلىقىدىندېرەك بېرىدىكەن..

You May Like