خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇلى روزا ھېيتلىق قىزىل بولاق تارقاتقان

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇلى روزا ھېيتلىق قىزىل بولاق تارقاتقان

 خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇلى روزا ھېيتلىق قىزىل بولاق تارقاتقان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30-ئاپرېل

ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا تارقالغان سىنلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى رامزان ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان كۈنلەردە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا «روزا ھېيتلىق قىزىل بولاق» تارقاتقان. ئاگېنتلىقىمىز ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلىنىڭ بۇ ساختا «غەمخورلۇقى» نى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان شۇنداقلا بۇ «سوۋغاتلار» رەسىمگە تارتىپ تور ھېساباتلىرىدا تارقىتىشقىمۇ ئۈلگۈرگەن.

خىتاي كونسۇلى تارقاتقان بۇ قىزىل بولاقنىڭ تېشىغا « ۋەتەنداشلارغا يېڭى باھارلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» دېگەن خەتلەر خىتايچە يېزىلغان بولۇپ، تارقاتقۇچى ئورۇنلاردىن: «چەتئەل جۇڭخۇا ئۇيۇشمىسى»، ئاتالمىش « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار ئىشخانىسى»،  «خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش كونسۇلى» قاتارلىقلار يېزىلغان. تەبرىك كارتىسىغا خىتايچە، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ئۈچ خىل يېزىقتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «روزا ھېيت بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ، تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيدۇ.» بولاقنىڭ ئىچىگە بولسا خىتايدا ئىشلەنگەن ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرى، ماسكا ۋە بانكا كارتىسى (سوممىسى ئېنىق ئەمەس) قاتارلىقلار سېلىنغان. 

خىتاي رېجىمى شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ  ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇشقا شۇنداقلا پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ رامزان مەزگىلىدە ھەرخىل ساختا تەشۋىقات ئويۇنلىرىنى ياساپ چىقىپ خەلقنىڭ كۆزىنى بويىشى كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغىسا، چەتئەللەردە ئۆزىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپ ياشاۋاتقان بەزى كىشىلەرنىڭ خىتاي چالغان داپقا ئۇسسۇل ئوينىشى كىشىنىڭ يىرگىنىشىنى قوزغىماي تۇرالمايدۇ.

 

ئۇيغۇر تېكىن تەييارلىغان

Uyghur Reporter

Next Post

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرى بىرلىكتە نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى

يە ماي 1 , 2022
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرى بىرلىكتە نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى

You May Like