خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرى تۈركەلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىغا قارشى جازا ئېلان قىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىغا قارشى جازا ئېلان قىلغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 21- دېكابىر

خىتاي تاراتقۇسى «دۇنيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات بېرىپ ئامېرىكىنىڭ تۆت نەپەر ئەمەلدارىغا قارشى جازا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىقى بار دەپ قاراپ شۆھرەت زاكىر ۋە ئەركىن تۇنىيازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نەپەر خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجىەن بۈگۈن بايانات بېرىپ بۇنىڭغا قارشى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى باياناتىنى جاكارلىغان.

 خىتاي ئېلان قىلغان جازا تىزىملىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» نىڭ ئەمەلدارلىرى بولۇپ، بۇلار: مەزكۇر كومىتېت رەئىسى نادىن مائېنزا، مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل، ھەيئەت ئەزاسى ئانۇرىما بارگاۋا ۋە ھەيئەت ئەزاسى جامېس كار قاتارلىقلار ئىكەن. باياناتتا دېيىلىشىچە، يۇقىرىدىكى تۆت نەپەر ئەمەلدارنىڭ خوڭكوڭ ۋە ماكاۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق خىتاي زېمىنىغا كىرىشى چەكلەنگەن، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى بارلىق مۈلۈكلىرى توڭلىتىلغان ۋە شۇنداقلا ھەرقانداق خىتاي پۇقرالىرى ياكى ئورگانلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقە ئىشلىرى چەكلەنگەن ئىكەن.

ئۇيغۇر تېكىن تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى پىدائىيلىق كىلىشمنامىسى

چا دېكابىر 22 , 2021
ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى بارغانسرى تۈزۈملىشش ۋە سستىمىلىششكە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقان ئورگان بولۇپ،پىدائىيلىق كىلىشمنامىسى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيتىنى بېكىتىدىغان رامكىدىن ئىبارەت.

You May Like