خىتاي( شىنجاڭ) مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى كانادادا زىيارەتتە بولدى

ختتاي خەلق تورىنىڭ ئاشكارىلىشچە،بۇ زىيارەت 2017-يىلى 10-ئايدا ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ،مەقسدى،ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا بىلدۇرۇش ئىكەن.

ختتاي خەلق تورىنىڭ ئاشكارىلىشچە،بۇ زىيارەت 2017-يىلى 10-ئايدا ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ،مەقسدى،ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا بىلدۇرۇش ئىكەن. ختتاي گوۋۇيۈەنى ئاخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن ختتاي <<شىنجاڭ>> مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كاناداغا يېتىپ بېرىپ، ئىككى كۈن ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تورونتو ۋە ئوتتاۋادا بىر قانچە مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە تاراتقۇ خادىملىرى بىلەن كەڭ ۋە ئۈنۈملۈك بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى ئالماشتۇرغانمىش. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ختتاي گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زو فېڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ختتاي<< شىنجاڭ>> مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى شىمالىي ئامېرىكا سەپىرى كانادا ۋە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسى، تاراتقۇلىرى، ئىلىم ساھەسى، شۇ جايدىكى ختتاي مۇھاجىرلىرى ۋە ختتايلىقلار بىلەن بولغان يۈزمۇ-يۈز ھالەتتىكى ئالاقە ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ <<شىنجاڭ>>نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن <<شىنجاڭ>>غا بولغان ئۆلۈك تەسىرات ۋە خاتا چۈشەنچىسىنى تۈگىتىپ، جۇڭگو بىلەن كانادا، ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. زو فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى، زىيارەت قىلىش مەقسىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ختتاي <<شىنجاڭ >>مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ خيۇستون ۋە نيۇيوركدا زىيارەتتە بولغان، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى شىمالىي ئامېرىكا سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، دۆلەتكە قايتىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

دۇنياغا داڭلىق بالېت ئارتىسى ئۈرۈمچىدە كىشىلەرگە دۇنيا بويىچە ئورۇنداش ئەڭ تەس بولغان ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى تەقدىم ئەتتى

سە ماي 1 , 2018
30-ئىيۇل كەچتە، ئۇكرائىنا خاركوۋ دۆلەتلىك ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىر ئۆمىكى 5-نۆۋەتلىك ختتاي <<شىنجاڭ>> خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىدىكى ئەڭ نادىر نومۇرلارنىڭ بىرى بولغان تارىخىي بالېت «ئاققۇ كۆلى»دىنمۇ ئۇزۇن بولغان، بالېت ساھەسىدىكى ئەڭ تەس ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئۇسسۇلچى ئايال»نى تاماشىبىنلارغا تەقدىم ئەتتى.

You May Like