خىتاي كانادا پۇقراسىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق دىلوسىغا سوت ئاچماقچى.

خىتاي ۋە كانادا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ خىتاينىڭ مەلۇم سوت مەھكىمىسى «شەنبە (12-ئاينىڭ 29-كۈنى)، كانادا پۇقراسىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق دىلوسىغا سوت ئېچىلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 27- دىكابىر

خىتايچىدىن تەرجىمىدە: نەفىسە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-27

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

خىتاي ۋە كانادا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ خىتاينىڭ مەلۇم سوت مەھكىمىسى «شەنبە (12-ئاينىڭ 29-كۈنى)، كانادا پۇقراسىنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق دىلوسىغا سوت ئېچىلىدۇ» دېدى. خىتايدا زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدۇ. مۆلچەرلەرگە كۆرە، بۇ دىلو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن مۇشكۈل ئەھۋالدا قويۇشى مۇمكىنكەن. خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى:«12-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە، دالىيەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 6-سوتىدا جاۋابكار روبېرت لويد سىكەلەنبېرگنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە ئوچۇق سوت ئېچىلىدۇ» دېگەن.

كانادا ئامىرىكىنىڭ تەلىپىگە كۆرە، خۇاۋېينىڭ مالىيە باشلىقى مېڭ ۋەنجوۋنى تۇتقاندىن كېيىن، خىتاي ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىك باھانىسى بىلەن خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنى قاماپ قويغان، يەنە ۋىزا باھانىسى بىلەن خىتايدا ئېنگىلىزتىلى ئۆگىتىدىغان بىر كانادالىقنىمۇ قولغا ئالغان.

خىتاينىڭ دالىيەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت كۆزنەك تورى –تىيەنجىيەن تورىدا: ئۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك خەۋەر مەنبەسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، سىكەلەنبېرگ كانادا پۇقراسى بولۇپ، بىرىنچى سوتتا، ئەتكەس قىلغان زەھەر مىقدارىنىڭ «ئىنتايىن كۆپ» لىكى بېكىتىلدى، «ئېلان قىلىنسا، قورقۇپ كېتىسەن!»، «خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنى زەھەر ئەتكەسچىلىكىنى ئاياپ قويمايدۇ، ھەقىقەتەنمۇ بەك، بەك، بەك ئېغىر جىنايەت!» دېيىلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار جاكارچىسى خۇاچۈنيىڭ دىلو ھەققىدە مەلۇماتىنىڭ يوقلىقىنى، قارشى تەرەپنىڭ خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگاندىن سورىشىنى ئېيتقان.

خىتايدا زەھەر ئەتكەسچىلىكى ئېغىر جازالىنىدۇ. خىتاي 2009-يىلى خىروئىن ئەتكەسچىلىكى قىلغان ئەنگىلىيەلىك ئاكمال شەيككە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/china-canada-drug-huawei-20181227/4717985.html

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

جياڭسۇلۇق ساقچىنىڭ ئايالى ئاشكارىلىغان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى

پە دېكابىر 27 , 2018
ياخشىمۇ سىلەر، مېنىڭ ئىسمىم ۋاڭ ...، يولداشىم غۇلجا ناھىيەسىدە ئىشلەيدۇ. ئاپىسىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىشى سەۋەبى بىلەن رۇخسەت سوراپ يۇرتقا قايتتى . بۇرۇن ئۈندىداردا، تېلېفوندا ھەر

You May Like