خىتاي قىرغىزىستاندىكى $280 مىليون دوللارلىق قۇرۇلۇش تۈرىدىن نامايىشلار تۈپەيلى ۋاز كەچتى

يەرلىك خەلقنىڭ نامايىشلىرى تۈپەيلى، خىتاي قىرغىزىستاندىكى ئ‍ۇمۇمىي قىممىتى 280 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بىر قۇرۇلۇش تۈرىدىن ۋاز كەچتى. خىتاي-قىرغىزىستان شىرىكچىلىكىدىكى بۇ تۈر شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇرقى قىرغىزىستان زىيارىتىدە ئ‍ىمزالانغان. خىتاي قىرغىزىستاننىڭ شەرقى تۈركىستان چىگراسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان ئەركىن سودا رايۇنىغا بىر ئارقى سەپ تەمىنات مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ئىسكىلات، قاتناش- تىرانسپورت مەركىزى ۋە مىھمانخانا قارارلىق ئەسلىھەلەرنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  • ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
  • تەييارلىغۇچى: سەبرى
  • 2020-02-20

 

يەرلىك خەلقنىڭ نامايىشلىرى تۈپەيلى، خىتاي قىرغىزىستاندىكى ئ‍ۇمۇمىي قىممىتى 280 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بىر قۇرۇلۇش تۈرىدىن ۋاز كەچتى. خىتاي-قىرغىزىستان شىرىكچىلىكىدىكى بۇ تۈر شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇرقى قىرغىزىستان زىيارىتىدە ئ‍ىمزالانغان. خىتاي قىرغىزىستاننىڭ شەرقى تۈركىستان چىگراسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان ئەركىن سودا رايۇنىغا بىر ئارقى سەپ تەمىنات مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ئىسكىلات، قاتناش- تىرانسپورت مەركىزى ۋە مىھمانخانا قارارلىق ئەسلىھەلەرنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

 

بىراق بۇ تۈر يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە خىتاي قىرغىزىستان تۇپرىقىنى تالان-تاراج قىلماقتا ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆپ قېتىم نارازىلىق نامايىشى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بۇ تۈرنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. 17-فېۋرال دۈشەنبە، بۇ تۈردە شىرىكلەشكەن خىتاي شىركىتى بىلەن قىرغىزىستان شىركىتى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنداق چوڭ ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك تۈرنى يەرلىكلەرنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلى باشلاش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. 

 

بۇ قىرغىزىستاندىكى خىتايغا قارشى تۇنجى نامايىش ئەمەس. بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 5-كۈنى يۇقارقى قۇرۇلۇش پىلانغان رايۇن- نارىن (Naryn) ئۆلكىسىدە خىتاي كانچىلىق شىركىتىنىڭ شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقىنى بۇلغىشى تۈپەيلى، يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي ئىشچىلىرى ئارىسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن، 47 كىشى يارلانغان. بۇنىڭغا ئوخشاش تۇقۇنۇشلار قىرغىزىستاننىڭ باشقا رايۇنلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن. 

 

مەنبە: Reuters / 美国之音 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق 5 مېدىيا ئورگىنىغا قارىتا يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

پە فېۋرال 20 , 2020
18-فېۋرال، ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق 5 چوڭ مېدىيا ئورگىنىنىڭ ئامېرىكىدىكى تارماقلىرىغا «چەتئەل ئەلچىلىكى» گە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە ئامىرىكىدىكى مۈلۈكلىرىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تىزىملىتىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى.

You May Like