خىتاي ئوقۇغۇچى، زىيالىيلار مۇستەقىل ئۇيۇشمىسى باياناتى

بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى پاراكەندە قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز.

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-03-15

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

  

بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى پاراكەندە قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز.

 

2019-2-14

 

يىقىندا ئامرىكا دۇك ئۇنىۋىرسىتى، ئىرلاندىيە دۇپلىن ئۇنىۋىرسىتى، كانادا مەكمەستىر ئۇنىۋىرسىتى ۋە تورونتو ئۇنىۋىرسىتى، فىرانسىيە سىتراسبورگ ئۇنىۋىرسىتى، گوللاندىيە ئامىستىردام مەيدانىدا ئۇدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى ھاقارەتلەش، تەھدىت سېلىش، كومىنىسىتپەرەس  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىللىك پاراكەندە قىلىشىغا قارىتا ئۇيۇشمىمىز نامىدىن جىددىي دىققەت قىلىمىز. بۇ ئوقۇغۇچىلار باشقىلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، بىز بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز ئامرىكا، كانادا، فىرانسىيە، ئىرلاندىيە ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ئوقۇغۇچى، زىيالىيلىرىنى ھىمايە قىلىپ، ئۇلارنى چەتئەل تەھدىتىدىن قوغدىشىنى سورايمىز.

بىز ھەرقايسى دۆلەت مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرىنىڭ يۇقارقى ئىشلارنى ياخشى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىش تىرىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۈشكۈرتكەنمۇ-يوق ئېنىقلاپ كۆرۈشكە ئۈندەيمىز.

 

خىتاي ئوقۇغۇچى، زىيالىيلار مۇستەقىل ئۇيۇشمىسى

(ئەسكەرتىش: ئۇيۇشما ئىجرائىيەت ئەزاسى لۇ بىنخى مەزكۇر باياناتقا نارازى)

 

مەزكۇر ئۇيۇشما 1989-يىلى تىيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتاينىڭ دىموكراتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، 2000-يىلىغىچە زور تەسىر قوزغىغان.

 

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://docs.google.com/forms/d/e/1FAIpQLSdomicafzXsNv7ok8JnxiFKHq6pJ_HrxhMYsXCIybIUtGAjIw/viewform?fbclid=IwAR0eQkrkADok5vEV96xYHRw19AsB-kHTAaCmj_YuPtcWygLfBbyWPRI_j3A

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

يېڭى زىللاندىيەدىكى مەسچىتتە 49 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى

جۈ مارت 15 , 2019
يىڭى زىللاندىيە كىرايست چىرچ شەھرى مەركىزىدىكى نۇر مەسجىدى ۋە لىنۋۇد مەسجىدى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 49 ئادەم قازا قىلدى.

You May Like