ھېرا مەكتىۋى 2023-يىللىق خىزمەتلىرىدىن قسقىچە دوكلات بەردى

تۈركىيە ئ‍ستانبۇلغا جايلاشقان ھېرا ئۇيغۇر مەكتىۋى 4-يانۋار كۈنى خىزمەتلىرىدىن قسقىچە دوكلات بىرىپ، ئاممىغا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش روھىنى نامايان قىلغان. تۆۋەندىكىلەر مەزكۇر قسقىچە دوكلات يازمىسنىڭ ئەينەن نۇسخسى:

ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ 2023-يىلى قىلغان خىزمەتلىرى

مەكتىپىمىز 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، بىر يىل جەريانىدا جەمئى 203 قىتىم ئەمەلى خىزمەت تۈرى تەرتىپلىگەن.

ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

يىڭى ئېچىلغان سىنىپ جەمئى 105 (سىنىپ)؛

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى جەمئى 8 (قېتىم)؛

دالا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى جەمئى 5 (قېتىم)؛

قوشۇمچە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت تۈرى جەمئى 33(قېتىم)؛

رەتلەنگەن سىنىپ تۈرى جەمئى 55 (قېتىم)

ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن، بېسىم ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان ئۆتكەن بىر يىلىمىز مول ھوسۇللۇق بولغان بولسا، ئىنشائاللاھ 2024-يىلىدىكى ئىلىم-مەرىپەت سەپىرىمىز تېخىمۇ داغدام ۋە نەتىجىلىك بولغاي، بىزنى قوللاپ مەدەت بەرگەن بارچە قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.ئاقارتىش يولىدا ئالغا!!!

ھۆرمەت بىلەن: ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى

ھىرا پەن-تېخنىكا ۋە تەرەققىيات ۋەخپى

2024-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر پېروجەكىت فوندى«ئ‍ستانبۇلدا 20لېكسيە-2024» ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ

پە يانۋار 4 , 2024
ئامېرىكىغا جايلاشقان ئۇيغۇر پېروجەكىت فوندى تەشكىللىشىدىكى «ئ‍ستانبۇلدا 20لېكسيە-2024» ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ. مەزكۇر يۈرۈشلۈك لېكسيەلەرنىڭ 2023-يىللىق پائالىيتى ئ‍ستانبۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلىپ بىرىلغاندىن كىين،كەڭ جامائەتچىلىكىنىڭ قىزغىن ئالقىشغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر زىيالىسى، ئۇيغۇر پىروجەكىت فوندى مەسئۇلى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى سوسيال مېدىيادا ئورتاقلاشقان ئىلاندا بىلدۈرلۈشچە، مەزكۇر لېكسيەلەر ئۈچۈن ئەسەر چاقىرىش ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولىدىكەن.
ئۇيغۇر پېروجەكىت فوندى

You May Like