خىتاي نېمە ئۈچۈن نۇر بەكرىنى ئايرودرومدىن تۇتۇپ كەتتى؟ كومىنىست پارتىيە بىلەن ھەمنەپەس بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى…

ئاتىللىرىمىز كونا خاماننى سورۇشنىڭ پايدىسى يوق دەيدۇ. مەن بۈگۈن «كونا خاماننى سورۇپ »خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بىر ئۇيغۇر پۇشتى توغرىسىدا توختالماقچى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تەييارلىغۇچى : سايئوغلى

 

2019-12-29

 


ئاتىللىرىمىز كونا خاماننى سورۇشنىڭ پايدىسى يوق دەيدۇ. مەن بۈگۈن «كونا خاماننى سورۇپ »خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بىر ئۇيغۇر پۇشتى توغرىسىدا توختالماقچى. شۇنداق ھازىر ۋەزىيتىمىز ناھايىتى جىددى ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ.بۇ شارائىتتا ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ تۇرۇش بەلكىم ئارتۇقچە. لېكىن تارىخنى يەكۈنلەپ مېڭىش كېرەك. يەكۈنلەپ نۇقتا قۇيۇش، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قالدۇرۇش ۋەزىپىمىزدۇر. گەرچە بىزلەر نۇرغۇن ئىشلاردىن ئىبرەت ئالمىغان بولساقمۇ.
مېنىڭ يەنىلا تەكرارلايدىغىنىم ئۇقۇرمەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستۇتى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ پىدائىيلىرى تەييارلىغان ئەسەرلەرنى ئۇقۇپ تۇرۇشىنى، قېرىنداشلارنىڭ ئەمگىكىدىن تەپەككۇرغا چۆمىشىنى، ئازراق بولسىمۇ بەرزى ئاددى ساۋاتلاردىن مەلۇماتلىق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. «پىر دائىم چەتتىن، مۇرت بىزدىن ئەمەس» بىزدىمۇ «پىر» بار. قېرىنداشلارنىڭ قەدىرىگە يەتسەك قوللاپ تۇرساق!
2018-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى خىتاي پايتەخت ئايرودرومدا خىتاي مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەنجېڭ بىلەن موسكىۋادىن قايتىپ كەلگەن نۇر بەكرى تۇتۇلۇپ كېتىلدى. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى زور مىقداردا پارا ئىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ تەكشۈرلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى زور مىقداردا پارا ئالغان، چىرىكلەشكەن دىگەن جىنايەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى. كومىنىست پارتىيدىن چىقىرىلدى، مال-مۈلىكى مۇسادىرە قىلىندى.
ئۇنداقتا نۇر بەكرى كىم؟ ئۇنىڭ ھاياتىغا بىر قاراپ چىقايلى! نۇر بەكرى بۆرتالادىن بۇلۇپ، كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇغان. تالانىتلىق بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرى نەتىجە بىلەن تۇلۇق ئوتتورا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان. تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بىر يىل ئۇقۇپلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا قاتناشقان، نەتىجىسى خىتاينىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىېتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلىرىگە قۇبۇل قىلىنىشقا يېتەرلىك بولسىمۇ، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېدا ئۇقۇغان. ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە قېلىپ قالغان. ئون بەش يىل شۇ يەردە خىزمەت قىلغان. 1993-يىلى كېيىن قەشقەردە ۋالىي ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلى ئۈرۈمچىگە شەھەر باشلىقى بولۇپ، خىتايدىكى ئەڭ ياش ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايۇننىڭ مەركىزى شەھەر باشلىقى دەپ قارالغان. 2000-يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۈكۈمىتىدە ئىشلەشكە باشلاپ 2008-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رەئىسى بولغان. قوش تىل ئۇقۇتۇشنى يولغا قۇيۇپ «كۆرنەرلىك نەتىجىسى» بىلەن كومىنىست پارتىينىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن. 2009-يىلى 5-ئىيۇل قەتلىئامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن قولىنى بوياپ ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن. 2013-يىلى داۋاملىق رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەن بولسىمۇ 2014-يىلى تۇيۇقسىز بېيجىڭغا يۆتكىلىپ «تۈمۈر قەپەس»كە سولىنىپ 2018- يىلى تۇتۇلغانغا قەدەر بېيجىڭدا ئىشلىگەن.
بويى بىر مېتىر توقساندىن ئاشقان ئېگىز بويلۇق نۇر بەكرى بويىدەك ئېگىز مەنسەپ تۇتقان. كومىنىست پارتىيە ئۈچۈن سادىق، ئىقتىدارلىق، خەنزۇچە سەۋىيىسى يۇقىرى بىرى نېمە ئۈچۈن يوقىتىلدى؟ كومىنىست پارتىيە ئۈچۈن ئۇنىڭدەك يەنە بىرىنى تەربىيلەش شۇنداق قولايمۇ؟ تۈۋەندە مەن سىلەرگە خىتاي زىيالىسى چېن پوكۇڭنىڭ نۇر بەكرى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسنى سۇنىمەن. شۇنداق نۇر بەكرىدەك بىرى كومىنىست پارتىيە ئۈچۈن ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇ راستىنلا پارا ئالغانلىقتىن يوقۇتۇلدىمۇ؟ ياق، چۈنكى خىتاي ئەمەلدارلىرنىڭ قايسى بىرى پارىخور، چىرىك ئەمەس. پارىخورلۇق، چىرىكلىك خىتاينىڭ ئەمەلدارلىق مەيدانىدىكى بىر خىل«مەدەنىيەت». ئۇ راستىنلا پارىخورلۇق بىلەن ئەيىپلەنگەن تەقدىردىمۇ خىتاي كۆز يۇمسا يۇمالايدۇ. نۇر بەكرى كومنىست پارتىيگە سادىق بولۇپ ئىشلىگەن بولسىمۇ 2014-يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان )سىياسىتىدىن سەل بىئارام بولغان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ نېمە دىگەن بىلەن ئۇيغۇر. شۇڭا خىتاي دەرھال بېيجىڭغا يۆتكەپ باشقا ئۇيغۇر رەھبەرلەرگە ئوخشاش «قەپەسكە»سولاپ باققان. 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى خەنجېڭ بىلەن روسىيەگە قىلغان سەپەردە نۇر بەكرى بەلكىم روسىيە تەرەپتىن شىنجاڭ(ش ت )توغرىسىدا سورالغان سۇئاللارغا خىتايغا ياقمايدىغان بەزى مەسىللەرنى سۆزلەپ سالغان بولىشى مۇمكىن. خەنجېڭ بەك خەتەرلىك بىرى بولۇپ ئەينى چاغدا جىياڭ زېمىن ئۈچۈن ئىشلىگەن. خۇجىنتاۋ زاماندىمۇ دومىلاپ چۈشۈپ كەتمىگەن. شى جىنپىڭ زامانىدىمۇ چوڭ ھۇقۇق تۇتۇپ كەلگەن. چۈنكى جىياڭ زېمىننىڭ شاڭخەي گۇرۇھىغا تەۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەممىسى شىنىڭ زامانىغا كەلگەندە دومىلاپ چۈشكەن. پەقەتلا خەنجېڭ ۋە ۋاڭ خۇنىڭ زامانغا قاراپ ئۆزىنى ساقلاشقا ئۇستا بولۇپ ساقلىنىپ قالغان. خەنجېڭ نۇر بەكرىنىڭ روسىيەدىكى خىتايغا پايدىسىز گەپ -سۆزلىرىنى شى جىنپىڭغا دوكىلات قىلىپ قويغان بولىشى مۇمكىن. شۇڭا 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئايروپىلاندىن چۈشۈشى تۇتۇلغان.
كومىنىست پارتىيە بىلەن ھەمنەپەس بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى دائىم نۇر بەكرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ كەلگەن بولۇپ، كومىنىست پارتىيە ئۈچۈن ئىشلەپ قولىنى ئۆز خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويىغانلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان.
ئۇيغۇرلارنى سېتىپ خىتاي ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان خائىنلارنىڭ نۇر بەكرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ قويىشنى تەۋسىيە قىلىمىز! ئۆزى خەلقىنى ساتقان كىشىگە ئىشلەتكىچىمۇ ئىشەنمەيدۇ.

UT-Uyghur Reporter 16

Next Post

ھەر تەرەپتە ئۇيغۇر ساداسى

يە دېكابىر 29 , 2019
ئىستانبۇل، قەيسەرى، تىبرىز، ئامىستىردام، دەنخاھ، بىرلىن، مالايسىيا، ھىندونوزىيە، مورىتانىيە، ماراكەش، غەززە قاتارلىق جايلاردا، مەشرىقتىن مەغرىپكىچە، ياۋروپادىن ئافرىقا، ئاسىياغا قەدەر ھەممە جايلاردا يۈزلىگەن، مىڭلىغان مۇسۇلمانلار ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاندىكى بىناۋا خەلقىمىز ئۈچۈن ھەر ياقتىن ياڭراق سادالار ياڭرىماقتا.

You May Like