خىتاي دۇنيانى ناھايىتى ئاددى ئۇسۇل بىلەن ئەخمەق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ

بۇ يازمىدا خىتاينىڭ لاگىر مەسلىسى چىققاندىن بېرى ئۆزىنى قايسى ئۇسۇللار بىلەن پەردازلاپ كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا قارتا قانداق تەدبىر ئېلىپ بېرش كېرەكلىكى سۆزلىنىدۇ.

ئاپتورى : ھېچكىم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-14

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بۇ يازمىدا خىتاينىڭ لاگىر مەسلىسى چىققاندىن بېرى ئۆزىنى قايسى ئۇسۇللار بىلەن پەردازلاپ كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا قارتا قانداق تەدبىر ئېلىپ بېرش كېرەكلىكى سۆزلىنىدۇ.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ناتسىست لاگىر سىستىمېسى قۇرغىنىغا ئىككى يىل بولۇپ قالدى . خىتاي باشتا لاگىر يوق دەپ ئىنكار قىلدى. لېكىن نۇرغۇن شاھىدلارنىڭ چىقىشى ۋە سۈنني ھەمرادىن لاگىرلانىڭ ئورنى كۆرستىلگەندىن كىين رەزىل قىلمىشىنى «كەسپى تەربىيىلەش ۋە ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش مەركىزى» دەپ پەردازلىدى. ئۆرمەربىك ئېلى ۋە گۈلباھار  جېلىل قاتارلىقلارنىڭ توختىماي گۇۋاھلىق بېرىشى ، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكىتىپ ھالدا داۋا يولدا بوشاشماسلىقى ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى قوللىشى بىلەن خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. لاگىردىن ئامالسىز قويۇپ بېرىلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتكى ۋەيرانە ھالىتى ، ھەتتا ئۆزىنىڭ بالىسىنىمۇ تونىيالماس ھالغا كېلىپ قېلىشى خىتاينىڭ جازا لاگىرىدا  نەقەدەر ئېغىر ئىشكەنجىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى پاكىت شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ئېيتقىنىدەك خىتاينىڭ جازا لاگىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئارتۇق سىر ئەمەس. ئۇچۇر ۋە ئالاقە دەۋرى دەپ ئاتالغان 21- ئەسىردە ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ 90% تىن كۆپىنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى كېسىلگەن. بەھرام سنتاشنىڭ فەيسبۇكتا  ئېلىپ بارغان سىتاستىكسىغا قارىغاندا 88% ئۇيغۇر ئاتا ـ ئانسى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىغىلى 2 يىلدىن ئاشقان.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكى يالغانچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە، يەنە كىلىپ تولىمۇ ئاددي ئۇسۇلدا. خۇاچۈنيىڭ شەرقىي تۈركستان مەسلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە مەسىلىدە دۇنيانى  كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئەخمەق قىلۋاتىدۇ. ئىككى كۈن ئىلگىرى  بىر مۇخبىر ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋىدىئوسىدىن كىين ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئەھۋالى توغرۇلۇق ۋىدىئو تارقىتىشىنى تەلەپ قىلىپ Metoouyghur#  پائالىيتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا خىتاينىڭ قانداق قارايدىغانلىقى توغرسىدىكى سۇئالىغا «خىتايدا بىر مىليارد 300 مىليون ئىنسان بىر، بىز قانداقمۇ ھەممىسىنىڭ  ۋىدىئوسىنى تارقىتىپ بولىمىز  ؟» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ شۇ سۇئالنى سورىغان مۇخبىرغا قىلنغان ھاقارەتتۇر. ھېچكىم خىتايدىن بىر مىليارد 300 مىليون ئىنساننىڭ ۋىدىئوسىنى كۆرسەت دېمىدى ، بەلكى ئالاقە قىلالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىزگە كۆرسەت،بىلدۈر دېدۇق . بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بو خوتۇن مۇشۇنداق تۆۋەن دەرىجىلىك يالغانچىلىق قىلىغان ئىدى. ئامېرىكا سېناتورى ماركو روبىئو باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىپلىگەندە ، « ئامېرىكا باشتا ئۆزىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە قاراپ چىقسۇن ، جۇڭگودەك 56 مىللەتنىڭ باراۋەر ۋە ئىناقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا ئاندىن بىزگە گەپ قىلش سالاھىيىتى بار، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا جۇڭگۇنىڭ مىللەتلەر سىياستىنى ئۆگەنسە بولىدۇ» دېدى. ھالبۇكى ، خىتايدىكى ئاز ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق سانلىق مىللەتلەرنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي كومىنست پارتىيىسنىڭ ئېزىشى ۋە ئىكسپالاتاتسىيسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان ھۆكۈمەت ۋە خەلق يوق. يەنە تېخى پرىزدېنت تىرامىپ خىتاينىڭ ئوغرىلىقچە مۇھىم باشقىلارنىڭ تىلفۇنلىرىنى تىڭشايدىغانلىقىنى، خاككىرلىرىنى ھەركەتكە سېلىپ تېخىنىكا ۋە بىلىم ئوغۇرلىقى قىلدىغانلىقىنى ئەيىپلىگەندە يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى ، يەنە موشۇ خۇاچۈنيىڭ قىلچە نومۇس قىلماستىن « زۇڭتۇڭ تىرامىپ ئۆزىنىڭ تىلفۇنىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن تىڭشىلۋاتقانلىقىدىن گۇمانلانغان بولسا بىخەتەرلىك سىستىمېسى يۇقىرى بولغان بىزنىڭ خۇاۋىي تىلفۇنىمزنى ئىشلەتسۇن » دېدى. بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە يالغانچىلىق ۋە نومۇسسىزلىقنى ئىزدەپ تېپىش قېين بولىشى مۇمكىن . دەل خۇاۋېينىڭ خىتاينىڭ 1- نۇمۇرلۇق جاسۇسلۇق شىركىتى ئىكەنلىكى پۈتۈن دۇنياغا ئىسپاتلاندى. يۇقارقىدەك باياناتلارنى 5 ياشلىق كىچىك بالا ئەمەس ، دۇنيانىڭ 2- كۈچلۈك دۆلىتى بولغان خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكى قىلۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇخىل يالغانچىلىقى ۋە كولدۇرلىتىشىغا مۇخبىرلار ۋە باشقا دۆلەتلەر ئىشىنەمدۇ بۇنى بىلمەيمىز ، لېكىن بۇ باياناتلار دۇنيانى كولدۇرلاتقان بىلەن باراۋەر. سىياسەت بۇ قەدەر  ئاددي ئۇسۇللار بىلەن كولدۇرلاتقىلى بولدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىمۇ ؟  

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ بۇ خىل نومۇسسىزلارچە قىلغان يالغانچىلىقىغا قارتا ئۇيغۇر دىئاسپوراسى تولۇق دەلىللەر بىلەن ۋاقتىدا زەربە بېرىش كېرەك . ھەر قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايانات ئېلان قىلغاندا تەشكىلاتلار ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر ئىنگىلىزتىلى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تىللاردا دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ  قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتىشى كېرەك. مەسىلەن خىتاينىڭ Metoouyghur# ھەركىتىگە بەرگەن جاۋابىغا « بىزگە  بىر مىليارد 300 مىليون ئادەمنىڭ ئەمەس ، 3 مىليون ئادەمنىڭ ۋىدىئوسى كېرەك » دېگەنگە ئوخشاش.

خىتايغا قارشى قىلالايدىغان ۋە غەلبە قىلىشىمىزنىڭ ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇرۇش مېدىيا ئۇرۇشىدۇر. چۈنكى قولىمىزدا يىتىپ ئاشقۇدەك پاكىت بار. ئائىلسى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر پاكىتتۇر. شۇنداقلا بىزيولدا نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرىمىز بار. سوۋىت ئىتپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ھەققىدىكى بىر سۇئالغا جاۋاب بەرگەن يىلستىن « سوۋىتنى پارچىلىغان تېلېۋۇزۇر » دېگەن . مېدىيا ئاللاھنىڭ ئاجىز ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ كۈچلۈك قورالى. شۇڭا مېدىيا ئۇرۇشىدا بوشاشماسلىقىمز  كېرەك .

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئىراق ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدىكى باياناتى

جۈ فېۋرال 15 , 2019
پەيشەنبە كۈنى ئىراق ئۆلىمالار بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تۆۋەندە باياناتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى بېرىلدى.

You May Like