ۋولت كوچىسى ژۇرنىلى: خىتاي بىلەن بىرازىلىيە ئامېرىكىغا قارشى بىرلىكسەپ تۈزدى

ۋولت كوچىسى ژۇرنىلى: خىتاي بىلەن بىرازىلىيە ئامېرىكىغا قارشى بىرلىكسەپ تۈزدى

 ۋولت كوچىسى ژۇرنىلى: خىتاي بىلەن بىرازىلىيە ئامېرىكىغا قارشى بىرلىكسەپ تۈزدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى14-ئاپرېل

ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى چوڭ دۆلەت بىرازىلىيەنىڭ يېڭى تەختكە چىققان سولچىل پرېزىدېنتى دا سىلۋا بېجىڭدا ئىلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت زىيارىتىدە، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكىغا قارشى يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش،  ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ۋە كېلىشىملەر ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىملەر ئىچىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىغا خىرىس قىلىدىغان خىتاي ۋە بىرازىلىيە پۇللىرىنى ئورتاق سودا پۇلى قىلىش پىلانى خەتەرلىك دەپ قارالماقتا.

2009-يىلىدىن بۇيان خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئىلىپ، بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالغان. ھازىرقى يىللىق سودا سوممىسى90 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان ئارگېنتىنا، مېكسىكا، بىرازىلىيە، كۇبا، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سودا ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاشۇرۇپلا كەلمەي، بۇ جايلاردا يالغان تىنچلىقپەرۋەر ئوبراز يارىتىپ، ئامېرىكىنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

جاللات شى جىنپىڭ بۇ يىل دۆلەت رەئىسلىكىگە قايتا سايلانغاندىن كېيىن، مالايشىيا، ھىندونېزىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە سىنگاپور، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار باشلىقلىرىنى بېيجىڭغا چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى خەلقئارالىق دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنى قاتتىق كۈچەيتمەكتە. بىرازىلىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارشى خىتاي بىلەن بىرلىكسەپ تۈزۈشى، ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئارقا ھويلىسىغا سەل قاراپ خىتايغا يول ئېچىپ بەرگەن دەپ تەنقىد قىلىنماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن بېيجىڭدا ئۇچراشقان

جۈ ئاپرېل 14 , 2023
گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن بېيجىڭدا ئۇچراشقان

You May Like