خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئەدلىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ

خىتاي ۋە تۈركىيەنىڭ تەڭ دەرىجىلىك مىنىستىرلىقلارى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق قارار ئىمزالاندى.

تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى (ئادالەت باكانى) ئابدۇلھەمىد گۈل ۋە خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى فۇ جىڭخۇا كۆرۈشتى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 14- نويابىر

تۈركىيە تۈركچسىدىن ئاغدۇرغۇچى: ئىزباسار

تەھرىرلىگۈچى: كۆلتېگىن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

   

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي ۋە تۈركىيەنىڭ تەڭ دەرىجىلىك مىنىستىرلىقلارى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق قارار ئىمزالاندى.

تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى (ئادالەت باكانى)  ئابدۇلھەمىد گۈل ۋە خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى فۇ جىڭخۇا كۆرۈشتى.

مىنىستىر ئابدۇلھەمىد گۈل خىتاي زىيارەتى جەريانىدا خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىكى ئاسىيا مىھمانخاناسىدا خىتاي مىنىستىر فۇ بىلەن كۆرۈشتى، ئۇچراشىشتىن كېيىن ئىككى مىنىستىر خىتاي بىلەن تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىكلەرىنىڭ ئارىسىدا ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك  ئورتاق قارار ئىمزالانغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

ئابدۇلھەمىد گۈل مۇخبىرلارغا: ھەمكارلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ ئارتتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن ئوچۇق بىر شەكىلدە سۆزلەشتۇق

ئۇچراشىشتىن كېيىن ئانادولۇ ئاگىنتلىقىغا سۆز قىلغان مىنىستىر ئابدۇلھەمىد گۈل: “ھۆرمەتلىك خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن ئىنتايىن ئۆنۈملۈك بىر سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق، مەسئەلەلەرىمىزنى دېيىشتۇق، ھەر ئىككى دەۋلەتنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسئەلەرنى ھەل قىلىش، ھەمكارلىقلارىمىزنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەر بولۇندى، مۇۋەببەقىيەتلىك ۋە ئۆنۈملۈك بىر سۆھبەت بولدى” دېدى

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىككى دەۋلەت رەھبەرلەرىنىڭ  ئۇچرىشىشى داۋامىدا ئىككى دۆلەتنىڭ دىيالوگىنىڭ ۋە ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئابدۇلھەمىد گۈل تىجارى، سىياسى ساھەلەرنىڭ يېنىدا ئەدلىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ ياخشى ئىمكانلارنى سۇنغانلىقىنى دەپ ئۆتتى.

قانۇنى مەسئەلەلەرنى ئوتتۇراغا قويۇمىز

خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى فۇنى ئالدىمىزدىكى يىل ئىستانبۇلدا ئېچىلىشى پلانلانغان ئىستانبۇل خەلقئارالىق قانۇن قۇرۇلتايىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئابدۇلھەمىد گۈل، مۇشۇ قۇرۇلتاي ۋەسىلەسى بىلەن ئىككى دەۋلەت قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەر يىلى ئۇچراشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنى جەريانلار ئارىسىدىكى مەسئەلەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق دېدى، ئابدۇلھەمىد گۈل يەنە مۇنداق دېدى: ئىككى دەۋلەت ئاراسىدىكى ئاكادېمىىك، سوت مەھكىمەلەرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار باشتا بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە ۋە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن تېمالاردا ئەدلىيە ساھەسىنىڭ سۆزى بولۇندى، بۇ خىل سۆھبەتنى تېخىمۇ موللاشتۇرماق، دىيالوگلارنى ئارتقۇزۇش، ھەمكارلىقنى ئۆستۈرۈش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ

مىنىستىر ئابدۇلھەمىد گۈل، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئاراسىدا ئەدلىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق جەريانىدا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان  تەربىيەلەش ۋە قانۇنى تەجرىبەلەرنى ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامەلەر ۋە ئورتاق قارار پۈتۈكلەرى ئىمزالانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاي دەۋلەت بىخەتەرلىكى ئۇنۋېرستېتدا خىتايچە ئۆگىنىۋاتقان 8 سوتچى ۋە مۇپەتتىشنىڭ ھەم خىتاي ھەم تۈركىيەنىڭ قانۇنلىرىنىڭ ياخشى تونۇلۇشى ئۈچۈن ئاجايىپ مۇھىم بىر قازانچ ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد گۈل خىتاي زىيارەتى ئەسناسىدا خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمەسى باشلىقى جوۋ چىياڭ ۋە ئالى سوتچى جاڭ چۈن بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

مەنبە ئانادولو ئاگىنتلىقى

https://www.aa.com.tr/tr/dunya/cin-ile-mutabakat-zapti-imzalandi/1310783

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

بېلگىيە بىريۇسسىل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپادىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق قوللاشقا ۋە خىتاينى دادىللىق بىلەن ئەيىپلەشكە چاقىردى!

چا نويابىر 14 , 2018
خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ تۇيۇقسىز فاشىزىمغا قاراپ يۈزلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنىڭ سېموۋلى بولغان جازا لاگېرلىرىنى ئېچىپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قاماپ، خورلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتتى. مەسىلىمىزنىڭ بۇ بۇرۇلۇشىدا نۇقتىلىق رول ئوينىغانلار ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ۋەتەندىكى خىتاي باستۇرۇشىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى قەھرىمان قېرىنداشلىرىمىز، دەردىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان ئىنسانپەرۋەر غەرب مۇخبىرلىرى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ دەردىگە

You May Like