فىرانسىيە دۇنيا گېزىتى (Le Monde) مۇخبىرى Frédéric Lemaître نىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 17-سېنتەبىر
ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستاننىڭ بىرلىشىشى خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا.
15-سېنتەبىر ئاق ساراينىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئامېرىكا،ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ئىتتىپاق Aukus تۈزۈپ چىقىلدى.(Australie, United Kingdom, United States) شۇنداقلا بۇ ئىتتىپاق ھەمكارلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئېرىشىشىگە يول قويۇلدى. ئەلۋەتتە بۇ خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن بۇ ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنى « رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، پۈتۈنلەي مەسئۇلىيەتسىزلىك » دەپ تەرىپلىدى. شۇنداقلا ئاۋسترالىيەنى » يادرو كېڭەيتمەسلىك كېلىشىمى» گە ئەمەل قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ دۆلەت زۇۋانى بولغان «دۇنيا ۋاقىت گېزىتى» (Global Times ) نىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى تېخىمۇ قاتتىق بولدى. ئۇلار شۇ كۈنلۈك گېزىتتە : «دۇنيا ئەمدى يادرو سۇ ئاستى كېمە مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشى كېرەك » دەپ خەۋەر تارقاتتى. ئەڭ مۇھىمى ئاۋسترالىيەگە ئوچۇقتىن- ئوچۇق تەھدىت قىلىپ : « گەرچە خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا گېئوپولىتىكىلىك توقۇنۇش مەۋجۇت بولمىسىمۇ ئەمما ئۇلار خىتاي بىلەن قارشى سەپتە تۇرۇشنى تاللىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئەگەر توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرى جەنۇبى دېڭىز تەۋەسىدە تۇنجى بولۇپ ھاياتىنى تەقدىم ئېتىدىغان غەرب ئەسكەرلىرى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقان مۇناسىۋەت
يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك «ئۇرۇش تەھدىتلىرى» ئىككى دۆلەتنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىدا پەيدا بولغان ئەلۋەتتە، ئەمما شۈبھىسىزكى بۇ يەنىلا بەكرەك بېيجىڭنىڭ ئەندىشىسىنى ئاشكارىلاپ قويغان. ئەمەلىيەتتە خىتاي ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە دەل: ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان «ئاسىيادىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» دۇر. چۈنكى بۇ تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 24- سېنتەبىر ئاق سارايغا يىغىلىپ تۇنجى قېتىملىق يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. خىتاي بىلەن ھىندىستان شۇنداقلا ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش- تارتىشى بار زېمىن مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ جار سېلىۋاتقان جەنۇبى دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىدە بېيجىڭ بىلەن بۇ رايوندىكى قوشنا دۆلەتلەر شۇنداقلا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيەدەك دۆلەتلەر ئارىسىدا بولغان جىددىيچىلىك كەيپىياتنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىدىن بېيجىڭ تەرەپ بەكرەك ئەندىشە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە مەسىلىنىڭ نېگىزلىك نۇقتىسى شۇكى خىتاي ئۆزىنىڭ ئۆلكىلىرىنىڭ بىرى دەپ كېلىۋاتقان تەيۋەنمۇ بۇ رايوندىكى خىتاينىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسىدىن بىرى. بۇ ئارالدا يېقىندىن بۇيان چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانىۋېرلار توختىماي ئۆتكۈزۈلمەكتە، ياپونىيەدىمۇ ئەھۋال ئوخشاش. يېقىندا ياپونىيە بىلەن تەيۋەن ئوخشاشلا خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە.
نۆۋەتتە خىتايدا ئاتمىشقا يېقىن سۇ ئاستى كېمىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالتە يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ۋە تۆت باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش كېمىسى بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەلكىم يادرو ئوق بېشى ئورنىتىلغان كېمىلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» دېڭىز ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا قورال ياراق زاپىسىنى شىددەت بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېلىپ بارماقتا.