خىتاي ئاشكارا لۈكچەكلىك قىلماقتا، ب د ت ۋەكىلى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىدە گەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق

خىتاي ئاشكارا لۈكچەكلىك قىلماقتا، ب د ت ۋەكىلى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىدە گەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق

 ئافراسياپ 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 16- ئاۋغۇست

يېقىندىن بىرى، خىتاي خەلقئارا سەھنىلەردە بارغانسېرى ھەدىدىن ئاشماقتا.

خىتاي ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ئالياسكىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكىغا ئۈستەل مۇشلىغاندىن كىيىن، ھازىرغا قەدەر بۇ مەغرۇرلۇقىنى يوقاتقىنى يوق.

 خىتاينىڭ »»ب د ت »» دىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى دەيبىڭ 9-ئاۋغۇست خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دېڭىز ئۈستى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئاشكارىلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ۋەكىللىرىگە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: » ئامېرىكا رايون سىرتىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ھە دېسىلا ئىلغار پاراخوتلارنى جەنۇبىي دېڭىزغا كىرگۈزۈپ، خالىغانچە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، بۇ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇقىملىقىغا ئەڭ زور تەھدىت. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە قالايمىقان گەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق».

دەيبىڭ سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : «خەۋپسىزلىك كېڭىشى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان مۇۋاپىق سورۇن ئەمەس. ئامېرىكا سۆزىدە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇن بويىچە دېڭىز قاتنىشى ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولدى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى» نى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكىتىنى ئۆلچەم قىلىش» نى بالدۇرراق ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. بىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداش ئىرادىمىز، ئىقتىدارىمىز بار. دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداش دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، رايون توقۇنۇشى كۆپىيىۋاتىدۇ، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى، دېڭىزدا قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش، دېڭىزدا زەھەر ۋە قورال-ياراغ ئەتكەسچىلىكى قىلىش، دېڭىزدا ئادەم توشۇپ سېتىش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەر ئەۋج ئېلىپ، ئالاقىدار رايونلارنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا چېكىندى»  سەپسەتىسى ئاقمايدۇ. ئامېرىكا دۇنياغا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقتا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

Uyghur Reporter

Next Post

بېيجىڭ تەرەپ تالىبان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

دۈ ئاۋغۇست 16 , 2021
خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە بولغان تۇنجى پوزىتسىيەسى

You May Like