ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 09-دېكابىر
خىتاي تاراتقۇسى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7- دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-دېكابىر كۈنى، ئۆزىنىڭ ئورگان تورىدا «ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ئەھۋالى» توغرۇلۇق بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتنىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 15 مىڭ خەتلىك بولۇپ، كىرىش سۆز ۋە خاتىمىسىدىن باشقا يەنە «دېموكراتىيە دېگەن نېمە» «ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ياتلىشىشى ۋە ئۈچ قات زىيىنى» دېگەن ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا، ئامېرىكا دېموكراتىيە تۈزۈمى تەدرىجىي ياتلىشىپ ۋە ئاينىپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ ئىچكى يادروسى ۋە تۈزۈم لايىھىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدىن بارغانسېرى چەتنەپ كېتىۋاتقانلىقىنى، «تۈزۈمدىكى جاھىل كېسەلنى ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس» «دېموكراتىيە ئەمەلىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىقلار بىر ۋاقىتتا پەيدا بولدى» «ئاتالمىش دېموكراتىيەنى سىرتقا چىقىرىش يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلدى» دېگەن ئۈچ سەپسەتىنى ئويدۇرۇپ، بۇنى ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ياتلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ئىللەتلىرى دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا يەنە ھازىرقى ئامېرىكا ئىچكى جەھەتتە خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇق – مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، سىرتقى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكنى كۆرسىتىپ، مەۋجۇت ئامېرىكا دېموكراتىيەسى ئىچكى جەھەتتە پەقەت تەرتىپ دېموكراتىيەسى، شەكىل دېموكراتىيەسىگىلا ئەھمىيەت بەردى، ماھىيەت دېموكراتىيەسى ۋە نەتىجە دېموكراتىيەسىگە سەل قارىدى، سىرتقا قارىتا ئامېرىكىچە دېموكراتىيەنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭغان، قىممەت قارىشىنى ۋاسىتە قىلىپ لاگېرغا بۆلدى، دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئارىلىشىش، ئاغدۇرمىچىلىق، تاجاۋۇزچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى، ئاتالمىش «خىتاينىڭ دېموكراتىيەسى» نامىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنىپ، ئەتىسىلا ئېلان قىلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ئىدىقۇت