خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شىئەندە ئۇچرىشىپ شىئەن-ئوتتۇرا ئاسىيا پويىز لىنىيەسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 1-ماي
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شىئەندە ئۇچرىشىپ، شىئەندىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان يېڭى پويىز لىنىيەسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. مەزكۇر پويىز خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
ئامېرىكا جامۇس تاۋىن ژۇرنىلى بۇ ھەقتە:«رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتايغا ئۇتتۇرۇپ قويدى» دەپ يازدى.
خىتاي نۆۋەتتىكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتقان بىر پەيتىدە، ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقى، ھازىرقى رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى مەبلەغ سېلىش، سىستېما قۇرۇلۇشى، بازار ئىچىش ساھەسىدە تىز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەكتە.