ۋولكىس ۋاگىن:« بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتلىرىمىزدا مەجبۇرىي ئىشچىلار يوق!»

ب ب س نىڭ 12-نويابىر ئىلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گىرمانىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ماشىنا شىركىتى ۋولكىسۋاگىننىڭ بىيجىڭدىكى باش مۇدىرى سىتىفىن ۋوللىنسىتەين Stephan Wollenstein ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشچىلارنىڭ يوقلۇقىنى ئىيىتقان.

تارىم

 

2020-11-12

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

ب ب س نىڭ 12-نويابىر ئىلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گىرمانىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ماشىنا شىركىتى ۋولكىسۋاگىننىڭ بىيجىڭدىكى باش مۇدىرى سىتىفىن ۋوللىنسىتەين Stephan Wollenstein ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشچىلارنىڭ يوقلۇقىنى ئىيىتقان. ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارماق زاۋۇتىدا 600 ئىشچى ئىشلەيدىغان بولۇپ، يىللىق ماشىنا ئىشلەپچىرىش سانى 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ئۇ سۆزىدە:« بىز ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىمىزنىڭ ھىچبىرىدە مەجبۇرىي ئىشچىلارنىڭ بولىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز. بولۇپمۇ بىز ئۈرۈمچىدە تەپسىلىي تەكشۈردۇق ۋە جەزىم قىلالايمەنكى، بىزدە مەجبۇرىي ئىشچى يوق» دېگەن. بىراق ب ب س مۇخبىرى جون ئۇنىڭدىن:« ئۈرۈمچىدىكى ئىشچىلارنىڭ %25 ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر. سىزنىڭچە ئۇلارنىڭ ھىچبىرى ئىلگىرى لاگىرلاردا تۇرۇپ باقمىغانمىدۇ؟ سىز جەزىم قىلالامسىز؟» دىگەندە، ئۇ %100 جەزىم قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ۋولكىسۋاگىن شىركىتى 2013-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا زاۋۇت قۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەربىي ئورگانلار بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلغان ۋە 6-تارماق ئەترەتكە ماشىنا سوۋغا قىلغان. ۋوكىسۋاگىن شىركىتى يەنە ھەربىيلەرنى تەكلىپ قىلىپ زاۋۇتتىكى يىڭى ئىشچىلارغا «ھەربىي مەشىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» قوبۇل قىلدۇرغان.
2019- يىلى 4- ئايدا، ۋولكىسۋاگىن شىركىتى باش ئىجرائىيەت مۇدىرى Herbert Diess خىربىرت دىيس ب ب س مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىدە خىتاينىڭ مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا قاماپ « قايتا تەربىيەلەش» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتقان ئېدى. گىرمانىيە فىدىرال پارلامىنتى، ياۋروپا يىشىللار پارتىيىسى ئەزاسى فىيولا خانىم Viola von Cramon-Taubadel يىقىندا ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زاۋۇت قۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئىيىتقان. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ئەگەر خىتتايدا بازار كىڭەيتمەكچى بولسا، چوقۇم شەرقىي تۈركىستاندا زاۋۇت قۇرۇشى كىرەك ئىكەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇلار خىتتايدا بىرمۇ ماشىنا ساتالمايدىكەن. ۋولكىسۋاگىننىڭ خىتاي بىلەن 37 يىللىق سودا ئالاقىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئ‍ۆز-ئارا تايىنىش مۇناسىۋىتىدە. ۋولكىسۋاگىن يىڭى ماشىنىلىرىنىڭ بەشتىن بىرى خىتتايدا سېتىلىدۇ. فىيولا خانىم ۋولكىسۋاگىننى ئەيىبلەپ :« ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە زاۋۇت قۇرۇشى ئېنىقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلمىشىنى قانۇنلۇق كۆرسىتىدۇ» دىگەن. ئېنىقكى، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زاۋۇت قۇرۇشى، ئۇلارنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋىلىش لاگىرلىرى ھەمدە مىللىي زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىش ۋە قوللاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

 

مەنبە: ب ب س

 

https://www.bbc.com/news/world-asia-china-54918309

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزدە فرانسىيەدىن يەنە بىر خۇشخەۋەر

پە نويابىر 12 , 2020
فرانسىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتور دىلنۇر تەرىپىدىن تەييارلىنىپ ئېلان قىلىنغان فرانسىيەدىكى سىياسى پارتىيەلەر شۇنداقلا شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغان "ئۇيغۇرلار بىلەن سەبداشلىق"نىزامنامىسىغا بۈگۈنگە قەدەر ئالتە سىياسىي پارتىيە شۇنداقلا ئون شەھەر باشىلىقى ئىمزا قويغان بولۇپ، بۈگۈن يەنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ھارپىسىدا يەنە بىرقانچە پارتىيە بۇ نىزامنامىگە ئىمزا قويغىنىنى ئېلان قىلدى.

You May Like